عن عبد الله بن عمرو -رضي الله عنهما- أَنَّ النَّبِيَّ -صلى الله عليه وسلم- تَلَا قَوْلَ اللهِ -عز وجل- فِي إِبْرَاهِيمَ -صلى الله عليه وسلم-: {رَبِّ إِنَّهُنَّ أَضْلَلْنَ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ فَمَنْ تَبِعَنِي فَإِنَّهُ مِنِّي} [إبراهيم: 36] الآية، وقَوْلَ عِيسَى -صلى الله عليه وسلم-: {إِنْ تُعَذِّبْهُم فَإِنَّهُم عِبَادَكَ وَإِنْ تَغْفِرْ لَهُم فَإِنَّكَ أَنْتَ العَزِيزُ الحَكِيمُ} [المائدة: 118] فَرَفَعَ يَدَيْهِ وقَالَ: «اللهُمَّ أُمَّتِي أُمَّتِي» وبَكَى، فقالَ اللهُ -عز وجل-: «يا جِبْرِيلُ، اذْهَبْ إِلَى مُحَمَّدٍ -ورَبُّكَ أَعْلَمُ- فَسَلْهُ مَا يُبْكِيهِ؟» فَأَتَاهُ جِبْرِيلُ، فَأَخْبَرْهُ رسولُ اللهِ -صلى الله عليه وسلم- بما قَالَ -وهو أعلم- فقالَ اللهُ -تعالى-: «يَا جِبْرِيلُ، اذْهَبْ إِلَى مُحَمَّدٍ، فَقُلْ: إِنَّا سَنُرْضِيكَ فِي أُمَّتِكَ وَلَا نَسُوءُكَ».
[صحيح.] - [رواه مسلم.]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىبراھىم ھەققىدىكى ﴿پەرۋەردىگارىم! ئۇلار «يەنى بۇتلار» نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشسە ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر﴾ دېگەن ئايەت بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى ﴿ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر «ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن» ساڭا ھېچ كىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئىشىڭدا غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ يىغلاپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بارغىن، «ھالبۇكى، رەببىڭ ئۇنىڭ ھالىنى ئوبدان بىلىدۇ» ئۇنىڭدىن نېمىشقا يىغلاۋاتقىنىنى سورىغىن؟ دېدى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جىبرىئىلغا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتتى، ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: “بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن! دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: پەرۋەردىگارىم! ئۇلار «يەنى بۇتلار» نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشكەن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر. دېگەن ئايەت بىلەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى ئاللاھ! ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر «ئۇلارنى خالىغىنىڭچە تەسەررۇپ قىلىسەن» ساڭا ھېچ كىم تەئەررۇز قىلالمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن ئىشىڭدا غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن» دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن، قولىنى كۆتۈرۈپ يىغلىدى ۋە: ئى ئاللاھ! ئۇممىتىم، ئۇممىتىم» دېدى. يەنى ئۇلارغا رەھىم قىلغىن، گۇناھلىرىنى كەچۈرگىن، دېدى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نىمىگە يىغلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ جىبرىئىلغا: مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمىشقا يىغلاۋاتقىنىنى سورىغىن؟ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىئىلغا يۇقىرىقى سۆزىنى ئېيتتى. ئاللاھ تائالا: ئى جىبرىئىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: “بىز سېنى ئۈممىتىڭ ھەققىدە رازى قىلىمىز، سېنى غەم-قايغۇدا قالدۇرمايمىز، دېگىن! دېدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىنى ئۈممىتى ھەققىدە كۆپ تەرەپلەردىن رازى قىلدى، ئەجرىنىڭ كۆپ بولىشى، دۇنياغا كېيىن كېلىپ ئاخىرەتتە بۇرۇن جەننەتكە كىرىشى، باشقا ئۈممەتلەرگە قارىغاندا كۆپ پەزىلەت بىلەن ئىمتىيازلىق قىلىنغانلىقى شۇ ئىشلاردىندۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش