عن جابر رضي الله عنه : أنه غزا مع النبي صلى الله عليه وسلم قِبَل نَجْد، فلما قَفل رسول الله صلى الله عليه وسلم قفل معهم، فأدركتهم القَائِلَةُ في وَادٍ كثير العِضَاه، فنزل رسول الله صلى الله عليه وسلم وتفرق الناس يَسْتَظِلُّونَ بالشجر، ونَزل رسول الله صلى الله عليه وسلم تحت سَمُرَة فعلق بها سيفه وَنِمْنَا نومةً، فإذا رسول الله صلى الله عليه وسلم يدْعونا وإذا عنده أعرابي، فقال: «إن هذا اخْتَرَطَ عليَّ سَيفِي وأنا نائم فاستيقظت وهو في يده صَلتًا، قال: من يَمْنَعُكَ مِنِّي؟ قلت: الله -ثلاثا-» ولم يُعاقِبْهُ وجلس، متفق عليه.
وفي رواية قال جابر: كنَّا مع رسول الله صلى الله عليه وسلم بذَاتِ الرِّقَاعِ، فإذا أَتَيْنَا على شجرة ظَلِيلَةٍ تَرَكْنَاهَا لرسول الله صلى الله عليه وسلم فجاء رجُل من المشركين وسيف رسول الله صلى الله عليه وسلم معَلَّقٌ بالشجرة فَاخْتَرطَهُ، فقال: تَخَافُنِي؟ قال: «لا»، فقال: فمن يَمْنَعُكَ مِنِّي ؟ قال: «الله».
وفي رواية أبي بكر الإسماعيلي في «صحيحه»، قال: من يَمْنَعُكَ مِنِّي؟ قال: «الله»، قال: فسقط السيف مِن يَدهِ، فأخذ رسول الله - صلى الله عليه وسلم - السيف، فقال: « من يَمْنَعُكَ مِنِّي ؟»، فقال: كُنْ خَيرَ آخِذٍ، فقال: «تَشهد أن لا إله إلا الله وَأَنِّي رسول الله؟» قال: لا، ولكني أُعَاهِدُكَ أن لا أُقَاتِلَكَ، ولا أكُون مع قوم يُقَاتِلُونَكَ، فَخَلَّى سَبيلَهُ، فأتى أصحابه، فقال: جئتُكُمْ من عندِ خير الناسِ.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن نەجدە تەرەپكە غازاتقا چىقتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غازاتتىن قايتقان ۋاقىتتا ساھابىلارمۇ بىللە قايتتى، چۈش بولغاندا ئۇلار دەرەخلىرى قويۇق بىر جىلغىغا كەلدى، رەسۇلۇللاھ شۇ يەرگە چۈشتى، كىشىلەرمۇ دەرەخ سايىسىدا سايىداش ئۈچۈن تارالدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تۈپ سەمۇرە دەرىخىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ ئۇنىڭغا قىلىچىنى ئاستى، بىز ئۇخلىدۇق، بىر چاغدا بىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چاقىردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىدا بىر ئەئرابى تۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن ئۇخلاۋاتسام قىلىچىمنى غىلاپتىن چىقىرىپتۇ، ئويغانسام قىلىچ ئۇنىڭ قولىدا پارقىراپ تۇرۇپتۇ، ئۇ ماڭا: «سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، مەن ئۈچ قېتىم: «ئاللاھ» دېدىم دېدى، ئەئرابى بىر چەتتە ئولتۇراتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى جازالىمىدى. «بىرلىككە كەلگەن ھەدىس». يەنە بىر رىۋايەتتە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن«زاتىرىقا» دېگەن جايدا بىللە ئىدۇق، بىز سايىلىك بىر دەرەخنىڭ يىنىغا كىلىپ ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويدۇق، ئاندىن بىر مۇشرىك كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىچى دەرەخكە ئېسىقلىق ئىدى، ئۇ مۇشرىك قىلىچنى غىلاپتىن سۇغۇرۇپ: «مەندىن قورقامسەن؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى، مۇشرىك:«سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ» دېدى. ئەبۇبەكرى ئىسمائىلىينىڭ كىتابىدىكى رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئۇ مۇشرىك: «سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ» دېدى، شۇئان قىلىچ ئۇنىڭ قولىدىن چۈشۈپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىچنى قولىغا ئىلىپ: «سېنى مەندىن كىم ساقلاپ قالىدۇ؟» دېدى، مۇشرىك: «ئەسىر ئالغۇچىنىڭ ياخشىسى بولغىن!» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بىرەمسەن؟» دېدى، مۇشرىك: «ياق، لېكىن سەن بىلەن ئۇرۇشماسلىققا ۋە سەن بىلەن ئۇرۇشقانلار بىلەن بىللە بولماسلىققا ۋەدە قىلاي» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى قويىۋەتتى، ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ قېشىغا كېلىپ: «مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنىڭ قېشىدىن كەلدىم» دېدى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان]
بۇ ھەدىستە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە غازات قىلغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، بۇ غازات تارىخ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا «زاتىرىقا» دەپ تونۇلغان ئىدى، ئۇلار غازاتتىن قايتىش جەريانىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چۈش ۋاقتىدا تىكەنلىك دەرەخلەر كۆپ بىر جايغا چۈشتى، ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ كۈن نۇرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سايە جاي ئىزدەپ ھەر تەرەپ كېتىشتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەمۇرە دەپ ئاتىلىدىغان دەرەخنىڭ سايىسىغا چۈشۈپ، قىلىچىنى دەرەخ شېخىغا ئېسىپ قويۇپ ئۇيقۇغا كەتتى، ساھابىلارمۇ ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى، شۇ پەيىتتە مۇشۇ ئۇرۇشتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇش قىلغان قەبىلىدىن بولغان بىر ئەئرابى يوشۇرۇن كەلدى، بۇنى ھېچ كىم تۇيمىدى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلىچىنى تۇيدۇرماي ئالغان چىغىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئويغاندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيىن: «مەن ئۇخلاۋاتقاندا بۇ قىلىچىمنى غىلاپتىن سۇغاردى، مەن ئويغاندىم» ئەئرابى قىلىچ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغاچقا: «سىنى ئۆلتۈرمەكچى بولسام سىنى مەندىن كىم توسۇپ قالالايدۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن: «ئاللاھ» دەپ ئۈچ قىتىم تەكرارلىدى، بۇنىڭ مەنىسى: «ئاللاھ بىزنى سەندىن ھىمايە قىلىدۇ» دېگەنلىك بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ سۆزنى ئاللاھقا ئىشەنچ قىلىپ، تەۋەككۇل قىلىپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ دېگەن ئىدى، كاپىرنىڭ قولىدىن قىلىچ يەرگە چۈشۈپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال قىلىچنى ئېلىپ ئۇنىڭغا: «مەن سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولسام سىنى مەندىن كىم ساقلاپ قالالايدۇ؟» دېدى، كاپىر جاۋابەن: «ئەسىر ئالغۇچىنىڭ ياخشىسى بولغىن» دېدى، مەقسىدى: ئەپۇ، كەچۈرۈم ، يامانلىقى بەدىلىگە ياخشىلىق تەلەپ قىلىش ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوقلىقىغا ۋە مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بىرەمسەن» دېدى، ئۇ كاپىر: «ياق» دەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قارشى ئۇرۇش قىلماسلىق ۋە ئۇرۇش قىلغانلار بىلەنمۇ بىللە بولماسلىق توغىرسىدا ۋەدە بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قويىۋەتتى، ئۇ ھەمراھلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ: «مەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىنىڭ يىنىدىن كەلدىم» دېدى، ئىش مۇشۇ كاپىرنىڭ ئېيتقىنىغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەقىقەتەن ئەخلاق-پەزىلەتتە كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى، بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئۇنى: {سەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگە سەن} دەپ پاكلىغىنى يىتەرلىكتۇر