عن طارق بن أشيم الأشجعي رضي الله عنه قال: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«مَنْ قَالَ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَكَفَرَ بِمَا يُعْبَدُ مِنْ دُونِ اللهِ حَرُمَ مَالُهُ وَدَمُهُ، وَحِسَابُهُ عَلَى اللهِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

تارىق بىن ئەشيەم ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ مىلى، قېنى ھارام بولىدۇ، (يەنى قوغدىلىنىدۇ) ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى تىلى بىلەن گۇۋاھلىق ئېيتىپ: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېسە» يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەئ‍بۇد بەرھەق يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئىسلام دىنىدىن باشقا بارلىق دىنلاردىن ئادا-جۇدا بولسا، مۇسۇلمانلارغا ئۇ كىشىنىڭ جېنى ۋە مىلى ھارام بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ سىرتقى ئەمىلىگە قارايمىز، ئىسلام قانۇنىدىكى ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش ۋە مېلىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ بولغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلمىغانلا بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جىنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش توغرا بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ھېسابىغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئەگەر سەمىمى بولسا ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر ساختىلىق قىلغان بولسا ئۇنىڭغا كۆرە جازا بېرىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزنى قىلش ئىسلامغا كىرىشتىكى شەرتتۇر.
  2. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بۇت، ھەيكەل، قەبرە قاتارلىق ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش دېمەكتۇر.
  3. كىمكى تەۋھىدتە تەۋرەنمەي تۇرۇپ شەرىئەت بۇيرۇغان زاھىرى ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئۇ كىشىدىن بۇنىڭ ئەكسى كۆرۈلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چېقىلىش توغرا بولمايدۇ.
  4. مۇسۇلماننىڭ جېنى، مېلى ۋە يۈز ئابرۇيىغا ھەقسىزلىك قىلىشنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.
  5. دۇنيادا ھۆكۈم سىرتقى ئەمەللەرگە قارىتا بولىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا نىيەت-مەقسەتكە ئاساسەن بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ