عن جابر بن عبد الله وأبو هريرة رضي الله عنهم مرفوعاً: «مثلي ومثلُكم كمثل رجلٍ أَوْقَدَ نارًا فجعل الجنادِبُ والفَرَاشُ يَقَعْنَ فيها، وهو يَذُبُّهُنَّ عنها، وأنا آخذٌ بحُجَزِكُم عن النار، وأنتم تَفَلَّتُون من يَدَيَّ».
[صحيح] - [حديث جابر رضي الله عنه: رواه مسلم. حديث أبي هريرة رضي الله عنه: متفق عليه]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ۋە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىلەن سىلەرنىڭ مىسالىڭلار: خۇددى بىر كىشى ئوت ياققان ئاندىن ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭغا چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەر چۈشۈشكە باشلىغان ھالەتكە ئوخشايمىز. مەن سىلەرنىڭ بىلىڭلاردىن تۇتۇپ ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مىنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئۈممىتى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى دالىدىكى كىشىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشۇتۇپ: ئۇ كىشىنىڭ دالىدا ئوت ياققانلىقى، ئۇ ئادەم توسۇپ تۇرسىمۇ، چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش ھاشارەتلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆتقا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى، چۈنكى چىكەتكە ۋە پەرۋانىگە ئوخشاش كىچىك ھاشارەتلەرنىڭ ئوتقا ئۆزىنى ئاتىدىغان تەبىئىتى بارلىقىنى بايان قىلدى. بىر ئادەم دالىدا ئوت ياقسا ئۇلار يورۇقلۇققا قاراپ كىلىدۇ. خۇددى مەن ئەلۋەتتە سىلەرنى ئوتقا چۈشۈشتىن توسۇۋاتىمەن، ئەمما سىلەر مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ كېتىپ بارىسىلەر، دەيدۇ. ئۇ بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى تەرك ئىتىش بىلەن بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ