عَنِ النُّعْمَانِ بْنِ بَشِيرٍ رضي الله عنه قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:
«مَثَلُ الْمُؤْمِنِينَ فِي تَوَادِّهِمْ وَتَرَاحُمِهِمْ وَتَعَاطُفِهِمْ مَثَلُ الْجَسَدِ، إِذَا اشْتَكَى مِنْهُ عُضْوٌ تَدَاعَى لَهُ سَائِرُ الْجَسَدِ بِالسَّهَرِ وَالْحُمَّى».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

نۇئمان بىن بەشىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇئ‍مىنلارنىڭ ئۆزئارا دوستلىقى، كۆيۈنىشى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ مىسالى بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىزىتمىغا ئوخشاش بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن بىئارەم بولىدۇ»

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مېھرى-مۇھەببەت، كۆيۈنۈش، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم بېرىش، بىر-بىرىدىن يەتكەن زەرەر ۋە ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلىشتىن ئىبارەت زۆرۈر ئىشلارنى بىر پۈتۈن بەدەنگە مىسال قىلىپ، خۇددى بەدەندىن بىر ئەزا ئاغرىپ قالسا، پۈتۈن بەدەن ئۇيقۇسىزلىق ۋە قىززىتما بىلەن بىئارام بولىدۇ دەپ بايان قىلىپ بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئۇلۇغلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىش، كۆيۈنىشكە رىغبەتلىنىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
  2. مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەت، ھەمكارلىق-ياردەملىشىشنىڭ بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ