عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه أَنَّهُ سَمِعَ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَقُولُ:
«أَرَأَيْتُمْ لَوْ أَنَّ نَهَرًا بِبَابِ أَحَدِكُمْ يَغْتَسِلُ فِيهِ كُلَّ يَوْمٍ خَمْسًا، مَا تَقُولُ ذَلِكَ يُبْقِي مِنْ دَرَنِهِ؟» قَالُوا: لَا يُبْقِي مِنْ دَرَنِهِ شَيْئًا، قَالَ: «فَذَلِكَ مِثْلُ الصَّلَوَاتِ الخَمْسِ، يَمْحُو اللَّهُ بِهِ الخَطَايَا».
المزيد
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟»، ئۇلار: ياق، ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىردىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ»دېدى.