عن جرير بن عبد الله رضي الله عنه قال: بَايَعْتُ رسول الله صلى الله عليه وسلم على إِقَام الصَّلاَة، وإِيتَاء الزَّكَاة، والنُّصح لِكُلِّ مُسلم.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ھەزرىتى جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ: «مەن رەسۇلۇللاھقا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشقا بەيئەت قىلدىم» دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھدىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن رەسۇلۇللاھقا ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش ۋە ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشقا بەيئەت قىلدىم» بەيئەت قىلىشنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى ۋەدە-قەسەم بېرىش دېگەن بولىدۇ. بەيئەت بېرىش دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، ھەر ئىككى تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ قولىنى تۇتۇش ئۈچۈن يەنە بىر تەرەپكە قول سوزىدۇ. بۇ يەردە ئۈچ نۇقتا بار: 1-خالىس ئاللاھنىڭ ھەققى. 2-خالىس ئىنساننىڭ ھەققى. 3-ئورتاق ھەق-ھوقۇق. خالىس ئاللاھنىڭ ھەققى بولسا "ناماز ئوقۇش"دېگەن سۆزدە ئۇنىڭ ماھىيىتى ئەكىس ئېتىدۇ. مۇسۇلمان نامازنى تەلەپ قىلىنغان قائىدە بويۇنچە توغرا ئادا قىلىدۇ، ۋاقىتلىرىغا رېئايە قىلىدۇ.نامازنىڭ ئاساسلىرى، ۋاجىپلىرى ۋە شەرتلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ۋە مۇستەھەبلىرى بىلەن تولۇقلايدۇ. ئەرلەرنىڭ نامازنى مەسجىدتە ئوقۇشى نامازنى ئادا قىلىش قاتارىغا كىرىپ كېتىدۇ. نامازنى خۇشۇ(ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇش) بىلەن ئادا قىلىش نامازنى ئادا قىلىشنىڭ قاتارىدىندۇر. خۇشۇ دېگەندىن مەقسەت نامازدا خىيال سۈرمەي ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىق، نامازدا نېمە ئوقۇۋاتقانلىقى ۋە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىشتۇر. مانا بۇ مۇھىم ئىش بولۇپ نامازنىڭ جەۋھىرى ۋە روھىدۇر. ئىككىنچى مەسىلە: زاكات بېرىش. يەنى زاكاتنى تېگىشلىك كىشىلەرگە بېرىشتۇر. ئۈچىنچى مەسىلە: ھەر بىر مۇسۇلمانغا چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، يېقىن ياكى يىراق بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشتۇر. ھەر بىر مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىشىنىڭ شەكلى ھەزرىتى ئەنەسنىڭ ھەدىسىدە تىلغا ئېلىنغاندەك، ئۆزىڭىزگە نېمىنى ياخشى كۆرسىڭىز، قېرىندىشىڭىزغا شۇ نەرسىنى ياخشى كۆرۈش بولۇپ، ئۇلار خۇرسەن بولغان ئىشقا خۇرسەن بولۇش، ئۇلار قايغۇرغان ئىشقا قايغۇرۇشتۇر. شۇنداقلا سىز ئۇلاردىن قانداق مۇئامىلىنى كۈتكەن بولسىڭىز، ئۇلارغىمۇ تېگىشلىك ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىشتۇر . بۇ بەك چوڭ دائىرىدىن ئىبارەت.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ