عن أبي موسى الأشعري - رضي الله عنه- قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «من صلى البَرْدَيْنِ دخل الجنة».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: كىمكى (سالاتۇل بەردەين) يەنى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا جەننەتكە كىرىدۇ دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەپلىرىدىندۇر، ئۇ ئىككسى بىلەن مەقسەت بامدات بىلەن ئەسىر نامىزى ئىكەنلىكىگە جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «كۈن چىقىشتىن بۇرۇنقى ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ناماز» دېگەن سۆزى دالالەت قىلىدۇ. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «ئەسىر ۋە بامدات نامىزى» دەپ زىيادە بايان قىلىنغان، ئاندىن جەرىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن»، بۇ ئىككى ناماز «سوغۇقتا ئوقۇيدىغان ناماز» دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئۇ ئىككى ناماز كۈندۈزى ھاۋا سوۋۇغان، كۈننىڭ ھارارىتى كەتكەن ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، بۇ ئىككى نامازنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىندى، شۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئەممارە ئىبنى رۇبەيئە دادىسىدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كۈن چىقىشتىن ۋە كۈن ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنقى نامازنى ئوقۇغان كىشى دوزاخقا كىرمەيدۇ» دېگەن، مۇسلىم رىۋايىتى(634)،بۇ ئىككى نامازنى خاس قىلىش بولسا: بامدات نامىزى ئۇيقۇ لەززىتىگە چۆمگەن ۋاقىتتا بولىدۇ، ئەسىر نامىزى بولسا كۈندۈزلۈك مەشغۇلىيەت، تىجارەتنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتىدا بولىدۇ، ئىنساننىڭ ئۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشى ئۇ كىشىنىڭ نەپسىنى ھورۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىبادەتكە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن باشقا نامازلارنىمۇ ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇ ئىككى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان كىشى ئەلۋەتتە قالغان نامازلارنىمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، بۇ يەردە پەقەت بۇ ئىككى نامازنى بايان قىلىشتىن، باشقا نامازنى ئوقۇماي پەقەت بۇ ئىككى نامازنى ئوقۇسا پەزىلەت ھاسىل بولىدۇ دېگەنلىك ئىپادىلەنمەيدۇ، چۈنكى ئۇ تېكىستكە زىت. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى بامدات ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇسا» دېدى، بۇنىڭدىن بۇ ئىككى نامازنى بۇيرۇلغان شەكىلدە، ئەرلەر جامائەت بىلەن ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئەرلەرنىڭ پەرز نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇشى ۋاجىپ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ مەسچىتكە بېرىشكە تاقىتى يېتىپ تۇرۇپ، جامائەتنى تاشلىشى توغرا بولمايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ