عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«مَنْ صَامَ رَمَضَانَ إِيمَانًا وَاحْتِسَابًا غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ»

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 38]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«رامىزان روزىسىنى ئاللاھقا ئىشىنىپ ۋە ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ تۇتقان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 38]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق خەۋەر بېرىدۇكى، كىمكى رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى ئاللاھقا ئىشىنىپ، بۇ روزىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ ئاللاھ تائالانىڭ روزىدارلارغا تەييارلىغان كاتتا مۇكاپات ۋە ئېسىل ساۋابلىرىنى ئۈمىد قىلىپ، باشقىلارغا ئاڭلىتىش ۋە كۆز-كۆز قىلماستىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئىخلاسنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ رامىزان روزىسى ۋە ياخشى ئەمەللەردىكى ئەھمىيتى.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (67)
تېخىمۇ كۆپ