عن أبي أمامة رضي الله عنه مرفوعاً: «من صام يوماً في سبيل الله جعل الله بينه وبين النار خَنْدَقًا كما بين السماء والأرض».  
                        
[حسن] - [رواه الترمذي]
                        
 المزيــد ... 
                    
ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر كۈن روزا تۇتسا ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىلىقىدا كەڭلىكى ئاسمان-زېمىندەك كېلىدىغان بىر بوشلۇقنى قىلىدۇ» 
                                                     
                                                                                                    
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]                                            
بۇ ھەدىستە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس بىر كۈن روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇ كىشىنى دوزاختىن ئاسمان-زېمىننىڭ ئارىلىقىدەك يېراق قىلىدۇ