عن عبد الله بن مسعود رضي الله عنه قال: (سَأَلتُ النبِيَّ صلى الله عليه وسلم : أَيُّ العَمَلِ أَحَبُّ إلى الله؟ قال: الصَّلاَةُ عَلَى وَقتِهَا. قلت: ثم أَيُّ؟ قال: بِرُّ الوَالِدَينِ. قلت: ثم أَيُّ؟ قال: الجِهَادُ في سَبِيلِ الله. قال: حَدَّثَنِي بِهِنَّ رسول الله صلى الله عليه وسلم ولو اسْتَزَدْتُهُ لَزَادَنِي).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھتىن قايسى ئىش ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك؟ دەپ سورىسام، رەسۇلۇللاھ: ۋاقتىدا ئوقۇلغان ناماز، دېدى. ئاندىنچۇ؟ دېسەم: ئاندىن ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، دېدى. ئاندىنچۇ؟ دېسەم. ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، دېدى. رەسۇلۇللاھ ماڭا شۇلارنى سۆزلەپ بەردى. ئەگەر مەن يەنە سورىغان بولسام، يەنە دەپ بەرگەن بولاتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئىبادەتلەرنىڭ ئىچىدە قايسىسى ئاللاھ تائالاغا بەك سۆيۈملۈك دەپ سورىدى، چۈنكى قايسىسى بەك سۆيۈملۈك بولسا ئۇنىڭ ساۋابىمۇ كاتتا بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ سوئالىغا تەپسىلى جاۋاب بېرىپ: ئاللاھ تائالاغا ئەڭ ياخشى كۆرۈلىدىغان ئىبادەت شەرىئەت بەلگىلىگەن ۋاقتتا ئوقۇلغان ناماز، چۈنكى بۇنىڭدا ئاللاھ تائالانىڭ چاقىرىقىغا ئالدىراش، بۇيرىقىغا بويسۇنۇش، بۈيۈك پەرز ئىبادەتكە كۆڭۈل بۈلۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەبۇ ھۇرەيرە ياخشىلىققا قىزىقىدىغان ساھابە بولغاچقا بۇ سوئال بىلەن توختاپ قالماستىن بۇنىڭدىن قالسا ئىككىنچىسى قايسى ئىكەنلىكىنى سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش دېدى، بىرىنچىسى خالىس ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى، ئىككىنچىسى خالىس ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى، ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىدىن كېيىن تۇرىدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا بۇ ھەقكە كۆڭۈل بولگەنلىكتىن قۇرئان كەرىمدىكى بىر قانچە ئورۇنلاردا ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش كەلىمىسىنى ئۆزىنىڭ تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن بىللە كەلتۈردى، چۈنكى ئۇلار پەرزەنىتلەرنى تەربىيەلەش، ئۇزۇقلاندۇرۇش، رەھىم شەپقەت قىلىش يولىدا كۆپ ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەنلىك سەۋەبىدىندۇر. يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە جاۋابقا بېخىللىق قىلمايدىغان كىشىدىن سوئالنى داۋاملاشتۇردى، يۇقىرىقىدىن قالسا قايسى ئەمەللەر تۇرىدىغانلىقىنى سورىدى، رەسۇلۇللاھ: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، دېدى. ئۇ ئىسلام ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ چوقىسى ۋە تۈۋرىكىدۇر. جىھادسىز ئىسلام قەد كۆتەرمەيدۇ، جىھاد بىلەن ئاللاھنىڭ سۆزى ئۈستۈن بولىدۇ ۋە دىنى تارقىلىدۇ. «ئاللاھتىن پاناھ تىلەيمىز»جىھادنى تاشلاش بىلەن ئىسلام ئاجىزلىشىدۇ، مۇسۇلمانلار چۈشكۈن بولىدۇ، ھۆرمىتى، شان-شەۋكىتى يوقىلىدۇ، ئىقتىساد-ماللىرى مۇسادىر قىلىندۇ، ئۇلارنىڭ دەۋلەت، سەلتەنەتلىرى يوقىلىدۇ. جىھاد ھەر قانداق بىر مۇسۇلمانغا تەكىتلەنگەن بىر پەرز، كىمىكى جىھاد قىلماي، جىھاد نىيتىنىمۇ قىلماي ئۆلۈپ كەتسە مۇناپىق ئۆلۈمىدە ئۆلىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ