1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. ئەقىدە ئىلمى

ھەدىس مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى

عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«‌إِنَّ ‌أَثْقَلَ صَلَاةٍ عَلَى الْمُنَافِقِينَ صَلَاةُ الْعِشَاءِ وَصَلَاةُ الْفَجْرِ، وَلَوْ يَعْلَمُونَ مَا فِيهِمَا لَأَتَوْهُمَا وَلَوْ حَبْوًا، وَلَقَدْ هَمَمْتُ أَنْ آمُرَ بِالصَّلَاةِ فَتُقَامَ، ثُمَّ آمُرَ رَجُلًا فَيُصَلِّيَ بِالنَّاسِ، ثُمَّ أَنْطَلِقَ مَعِي بِرِجَالٍ مَعَهُمْ حُزَمٌ مِنْ حَطَبٍ إِلَى قَوْمٍ لَا يَشْهَدُونَ الصَّلَاةَ، فَأُحَرِّقَ عَلَيْهِمْ بُيُوتَهُمْ بِالنَّارِ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازدىكى ئەجىر-ساۋاپنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئۆمىلەپ بولسىمۇ مەسچىتكە كېلەتتى، مەن جامائەتنى نامازنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ، نامازغا تەكبىر ئېيتىلغاندا بىر كىشىنى كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرپ، مەن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئېلىپ جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۋەتسەمكەن دەپ كەتتىم».

تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن سەھى مۇسلىم - 651

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇناپىقلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ نامازغا كېلىشكە سۇسلۇق قىلىشىدىن بولۇپمۇ خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىغا كەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىپ، ئەگەر ئۇلار بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى بىلگەن بولسا ئېدى، كېچىك بالا ئۆمىلىگەنگە ئوخشاش ئۆمىلەپ بولسىمۇ جامائەتكە كېلەتتى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ، ئۆزىنىڭ ئورنىغا بىر كىشىنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئادا قىلىشقا قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بىر باغلامدىن ئۆتۈن كۆتەرگەن بىر بۆلۈك كىشىلەر بىلەن بىرگە جامائەت نامىزىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ (ئۇلارنڭ سادىر قىلغان خاتالىقى بەك ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن) ئۇلارنى ئۆيلىرى بىلەن قېتىپ كۆيدۈرىۋېتىش ئىرادىسىگە كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۆيدە نامازغا كەلمىگەن ئەرلەردىن باشقا گۇناھسىز، ئۈزۈرلۇك كىشىلەر، ياشانغانلار، كېسەللەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلمىغان.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مەسچىتكە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشقا كەلمەسلىكنىڭ خەتىرى
  2. مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ۋە ئاڭلىتىشنى يەنى رىيا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، نامازغا پەقەت كىشىلەر بىزنى كۆرسۇن دەپ كېلىدۇ.
  3. خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن بىرگە ئادا قىلىشنىڭ ساۋابى بۈيۈكتۇر. بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۆمىلەپ بولسىمۇ كىلىش كېرەك.
  4. خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش مۇناپىقلىقتىن ساقلايدۇ، بۇ ئىككى نامازنى قىلماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ سۈپىتىدۇر.

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

60 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
SI සිංහල السنهالية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
VI Tiếng Việt الفيتنامية
TL Tagalog تجالوج
KU Kurdî الكردية
HA Hausa الهوسا
PT Português البرتغالية
ML മലയാളം المليالم
TE తెలుగు التلغو
SW Kiswahili السواحيلية
TA தமிழ் التاميلية
MY မြန်မာ البورمية
TH ไทย التايلندية
DE Deutsch الألمانية
JA 日本語 اليابانية
PS پښتو بشتو
AS অসমীয়া الأسامية
SQ Shqip الألبانية
SV Svenska السويدية
AM አማርኛ الأمهرية
NL Nederlands الهولندية
GU ગુજરાતી الغوجاراتية
KY Кыргызча القيرقيزية
NE नेपाली النيبالية
YO Yorùbá اليوروبا
LT Lietuvių الليتوانية
PRS دری الدرية
SR Српски الصربية
SO Soomaali الصومالية
TG тоҷикӣ الطاجيكية
RW Kinyarwanda الكينياروندا
RO Română الرومانية
HU Magyar المجرية
CS Čeština التشيكية
MOS Moore الموري
MG Malagasy المالاجاشية
IT Italiano الإيطالية
OM Oromoo الأورومو
KN ಕನ್ನಡ الكانادا
WO Wolof الولوف
AZ Azərbaycan الأذربيجانية
UZ O‘zbek الأوزبكية
UK Українська الأوكرانية
KA ქართული الجورجية
MK Македонски المقدونية
KM ភាសាខ្មែរ الخميرية
BM Bambara البامبارية
PA ਪੰਜਾਬੀ البنجابية
MR मराठी الماراثية
KMR Kurmancî الكرمنجية