عن جابر رضي الله عنه قال: أراد بنو سلمة أن ينتقلوا للسكن قرب المسجد فبلغ ذلك رسول الله صلى الله عليه وسلم فقال لهم: «إنه قد بلغني أنكم تُريدون أن تنتقلوا قُرب المسجد؟» فقالوا: نعم، يا رسول الله قد أردنا ذلك، فقال: «بَنِي سَلِمَة، دِيارَكُم، تُكتب آثارُكُم، ديارَكُم تُكتب آثاركُم». وفي رواية: «إن بكلِّ خَطْوَة درجة».
[صحيح] - [رواه مسلم بروايتيه، ورواه البخاري بمعناه من حديث أنس-رضي الله عنه]
المزيــد ...

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا بىر پارچە بوش ئورۇن بار ئىدى، بەنى سەلەمە جەمەتى مەسچىتكە يېقىنراق جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى، بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتتى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ماڭا سىلەرنىڭ مەسچىتكە يېقىنراق بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان خەۋىرىڭلار يەتتى، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇلار: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ» دېدى، ئۇلار بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىز مەسچىتنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كەلگەن بولساقمۇ، بۇنچىلىك خوشال بولمايتتۇق دېيىشتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى بۇنىڭ ئوخشىشىنى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: بەنى سەلەمە جەمەتى ئۆزلىرىنىڭ تۇرىدىغان جايىدىن مەسچىتكە يىراق ئىدى، مەسچىتكە يېقىنراق بولغان بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە كەلگەندىكىدەك مەدىنە ئەتراپىنى ئادەمسىز تاشلاپ قويۇشنى ياقتۇرمىدى، ئۇلارنى مەدىنىنىڭ ئەتراپىنى گۈللەندۈرۈپ، كېڭەيتىپ، مۇناپىقلار ۋە مۇشرىكلارنىڭ كۆزىگە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ مەنزىرىلىك، كۆركەم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلغان ئىدى، ئاندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن سوراپ: «ماڭا سىلەرنىڭ مەسچىتكە يېقىنراق بىر جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولغان خەۋىرىڭلار يەتتى، شۇنداقمۇ؟» دېدى، ئۇلار: شۇنداق ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!، بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلار، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ» دېگەن سۆزنى ئىككى قېتىم دېدى ۋە ئۇلارغا ھەر بىر قەدەمگە ياخشىلىق، دەرىجە يېزىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتىدە: «سىلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى مەسچىتكە ئەڭ يىراق بولغىنى ئەڭ كۆپ ئەجىرگە ئېرىشىدىغىنىدۇر» دېيىلگەن، ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق، ئى ئەبۇ ھۇرەيرە؟ دېگەندە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «قەدەمنى كۆپ باسقانلىق ئۈچۈن» دېگەن، ئىمام مالىك "ئەل مۇئەتتا" (33)، تۇرالغۇسى مەسچىتتىن يىراق بولغانسېرى ئەجىر-ساۋاب زىيادە بولىدۇ، خاتالىقلىرى شۇ سەۋەبلىك ئۆچۈرۈلىدۇ. ئېنىقكى، بۇ پەزىلەت بىر ئادەم ئۆيىدە تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىپ، بىرەر نەرسىگە مىنگەشمەستىن، ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن پىيادە ماڭسا ئىشقا ئاشىدۇ، يەنى قەدەملىرى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىككى نەرسە يېزىلىدۇ: بىرى ئۇنىڭ بىلەن دەرىجىسى ئۈستۈن بولىدۇ، يەنە بىرى بىلەن خاتالىقلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆيىدە تەرەتنى كامىل ئېلىپ، نامازغا چىقسا، ئوڭ پۇتىنى كۆتۈرسە ئاللاھ ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق يازىدۇ، سول پۇتىنى كۆتۈرسە ئۇنىڭ بىر خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار يىراقتىن كەلسۇن ياكى يېقىندىن كەلسۇن شۇنداق بولىدۇ» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى، ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى(563)، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ، ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا 973- 572- نومۇرلاردا كەلتۈرگەن. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كېچە پەرۋەردىگارىم ئەڭ گۈزەل قىياپەتتە كەلدى، (يەنى چۈشىدە ) ۋە :ئى مۇھەممەد! يۇقىرىدىكىلەرنىڭ نېمە توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەمسەن؟دېدى، مەن: شۇنداق، ئۇلار كەچۈرۈم ۋە دەرىجىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىۋاتىدۇ دېدىم، ئاللاھ: كەچۈرۈم ۋە دەرىجىلەر دېگەن نېمە؟ دېدى، مەن: نامازدىن كېيىن مەسچىتتە تۇرۇش، جامائەتكە مېڭىپ بېرىش قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدىمۇ تەرەتنى كامىل ئېلىش...دېدىم» ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى(3484). شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ، "سەھىھ جامىئۇسسەغىر ۋە زىيادەتۇھۇ"ناملىق ئەسەرنىڭ 1-توم 72-بەتتە كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىس دەرىجىگە ئېرىشىشنىڭ بىرقانچە ئىشلار بىلەن روياپقا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: 1 -تاھارەت ئېلىپ مەسچىتكە بېرىش. 2-ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىش (ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر كىشى ئۈچۈن مەقسەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ) بىرلىككە كەلگەن ھەدىس. 3- ئۆيىدىن پەقەت مەسچىتنى مەقسەت قىلىپ چىقىش.4-ئۇلاغقا مىنمەستىن مېڭىپ كېلىش، ئۆزرۈلۈك بولۇپ قالسا ئۇلاغقا مېنىپ كەلسە بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە تامىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ