عن أبي هريرة، قال: أتَى النبي صلى الله عليه وسلم رجُلٌ أعْمَى، فقال: يا رسول الله، إنه ليس لي قائد يَقُودُني إلى المسجد، فَسَأل رسول الله صلى الله عليه وسلم أن يُرَخِّص له فيصلِّي في بَيْتِه، فرَخَّص له، فلمَّا ولىَّ دَعَاه، فقال: «هل تسمع النِّداء بالصلاة؟» قال: نعم، قال: «فأجِب».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا بىر ئادەم كېلىپ، ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى مەسچىتكە يىتىلەپ ئەكىلىدىغان ئادەم يوق، دەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نامازنى ئۆيىدە ئوقۇشقا رۇخسەت سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى، ئۇ قايتىپ مىڭىشى ئۇنى چاقىرىپ، سەن ئەزاننى ئاڭلامسەن؟ دەپ سورىدى، ئۇ كىشى ھە-ئە دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق بولسا چاقىرغان يەرگە كەلگىن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بىر ئەما كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا كېلىپ، ئى رەسۇلۇللاھ! مەن بىر ئەما ئادەم، ماڭا ياردەم قىلىپ، بەش نامازغا مەسچىتكە يىتىلەپ ئەكىلىدىغان ئادەم يوق دەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نامازدا جامائەتنى تاشلاشقا رۇخسەت بېرىشنى ئارزۇ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا رۇخسەت بەردى، ئۇ قايتىپ مىڭىشى ئۇنى چاقىرىپ، سەن نامازنىڭ ئەزىنىنى ئاڭلامسەن؟ دەپ سورىدى، ئۇ كىشى ھە-ئە دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق بولسا، نامازغا چاقىرغان كىشىگە ئاۋاز قوشۇپ مەسجىدگە كەلگىن، دىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ