عن أنس بن مالك أن رسول الله صلى الله عليه وسلم ركب فرسا، فصُرِع عنه فجُحِش شِقُّه الأيمن، فصلى صلاة من الصلوات وهو قاعد، فصلَّينا وراءه قعودا، فلما انصرف قال: إنما جُعِل الإمام ليُؤتمَّ به، فإذا صلى قائما، فصلوا قياما، فإذا ركع، فاركعوا وإذا رفع، فارفعوا، وإذا قال: سمع الله لمن حمده، فقولوا: ربنا ولك الحمد، وإذا صلى قائما، فصلوا قياما، وإذا صلى جالسا، فصلوا جلوسا أجمعون.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتتىن يېقىلىپ چۈشۈپ، ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، مەلۇم بىر نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇدى، بىزمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇدۇق. رەسۇلۇللاھ نامازنى يانغاندا: «ئىمام پەقەت باشقىلار ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئۈچۈن بېكىتىلىدۇ. ئۇ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا، سىلەرمۇ ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇڭلار. ئۇ رۇكۇ قىلسا، رۇكۇ قىلىڭلار، بېشىنى كۆتۈرگەندە سىلەرمۇ كۆتۈرۈڭلار. ئۇ: "سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ" دېگەندە: "رەببەنا لەكەل ھەمد" دەڭلار، ئۇ نامازنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا، سىلەرمۇ ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇڭلار. ئۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ھەممىڭلار ئولتۇرۇپ ئوقۇڭلار» دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاتقا مىنگەندە ئۇنىڭدىن يېقىلىپ چۈشۈپ ئوڭ يېنى سۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، ساھابىلەرگە مەلۇم بىر نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇپ بەردى، ساھابىلەرمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇدى رەسۇلۇللاھ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا: ئىقتىدا قىلغۇچى ئىمامغا ھەر بىر ئىشتا ئەگىشىدۇ، تەكبىر ئوقۇسا تەكبىر ئوقۇيدۇ، رۇكۇ قىلسا بىرگە رۇكۇ قىلىدۇ، سەجدە قىلغاندا بىرگە سەجدە قىلىدۇ، ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، رەسۇلۇللاھ ئۇلاغدىن يىقىلىپ چۈشكەندە ئولتۇرۇپ ئوقۇسا، ساھابىلەرمۇ ئارقىدا ئولتۇرۇپ ئوقۇغىنىدەك، ئىمام مۇقىم بولۇپ، نامازنى ئولتۇرۇپ باشلىسا، ئەگەشكۈچىمۇ ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ