عن أيوب، عن أبي قلابة، عن عمرو بن سَلِمة، قال -أي أيوب-: قال لي أبو قلابة: ألا تلقاه فتسأله؟ -أي تسأل عمرو بن سلمة- قال فلقيته فسألته فقال: كنا بماء ممر الناس، وكان يمرُّ بنا الرُّكبان فنسألهم: ما للناس، ما للناس؟ ما هذا الرجل؟ فيقولون: يزعم أن الله أرسله، أوحى إليه، أو: أوحى الله بكذا، فكنتُ أحفظ ذلك الكلام، وكأنما يَقَرُّ في صدري، وكانت العرب تَلَوَّم بإسلامهم الفتح، فيقولون: اتركوه وقومه، فإنه إن ظهر عليهم فهو نبي صادق، فلما كانت وقعة أهل الفتح، بادَر كلُّ قوم بإسلامهم، وبَدَر أبي قومي بإسلامهم، فلما قدم قال: جئتكم والله من عند النبي صلى الله عليه وسلم حقا، فقال: «صَلُّوا صلاة كذا في حين كذا، وصَلُّوا صلاة كذا في حين كذا، فإذا حضرت الصلاة فليؤذِّن أحدكم، وليَؤمَّكم أكثركم قرآنا». فنظروا فلم يكن أحد أكثر قرآنا مني، لما كنت أتلقى من الرُّكبان، فقدَّموني بين أيديهم، وأنا ابن ست أو سبع سنين، وكانت علي بُرْدة، كنت إذا سجدت تَقَلَّصت عني، فقالت امرأة من الحي: ألا تُغَطُّوا عنا اسْتَ قارئكم؟ فاشتروا فقطعوا لي قميصا، فما فرحتُ بشيء فرحي بذلك القميص.
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...
ئەييۇپ ئەبۇ قىلابىدىن، ئەبۇ قىلابە ئەمرۇ ئىبنى سەلەمەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ئەييۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ قىلابە ماڭا: «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭدىن ھەدىس سوراپ باقمامسەن؟» دېدى، مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭدىن ھەدىس سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كىشىلەر ئۆتۈپ تۇرىدىغان سۇ بار جايدا ياشايتۇق، ئۆتكەن كارۋانلاردىن: «كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى قانداق؟ پەيغەمبەرلىك دەۋىتى قىلىۋاتقان كىشى قانداق؟» دەپ سورايتۇق، ئۇلار: «ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ ئەۋەتتى، ۋەھى قىلدى ياكى مۇنداق ۋەھى قىلدى دەيدۇ» دەيتتى، مەن ئۇ سۆزنى ئىسىمدە قالغۇدەك يادلىۋالاتتىم، ئەرەبلەر ئىسلامغا كىرىش ئۈچۈن غەلىبىنى كۈتىۋاتاتتى، ئۇلار: «ئۇنى ۋە قەۋمىنى قويۇڭلار، ئەگەر ئۇ قەۋمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلسا ئۇ راست پەيغەمبەر» دەيتتى، مەككە ئازاد بولغاندا ھەممە قەۋم مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، داداممۇ ئۆز قەۋمىدىن ئىلگىرى مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، دادام قايتىپ كەلگەن ۋاختىدا: «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەقىقى پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كەلدىم، ئۇ پەيغەمبەر: «بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، ئۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى بولغاندا بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن» دېدى، دەپ دادام ھەممەيلەنگە قارىدى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە مەندىنمۇ قۇرئاننى كۆپ بىلىدىغان بىرسى يوق ئىدى، مەن كارىۋانلارغا ئۇچرىشىپ كۆپ سۈرىلەرنى ياد قىلىۋالغان ئىدىم، ئۇلار مېنى ئالدىغا چېقىرىپ ئىمام قىلدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالتە ياكى يەتتە ياشتا ئىدىم، مېنىڭ ئۇچامدىكى كىيىمدە سەجدە قىلسام كاسام ئېچىلىپ قالاتتى، مەھەللىمىزدىكى بىر ئايال: ئىمامىڭلارنىڭ كاسىسىنى يۆگەپ قويمامسىلەر؟ دېدى، ئۇلار رەخت سېتىۋىلىپ ماڭا بىر كۆينەك قىلىپ بەردى، مەن بىرەر نەرسىگە ئاشۇ كۆينەككە خۇرسەن بولغاندەك خۇرسەن بولمىغان ئىدىم
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ئەييۇپ سەختىيانى مۇنداق دەيدۇ: جۇرمى قەبىلىسىدىكى ئەبۇ قىلابە ماڭا مۇنداق دېدى: «ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ بىلىدىغان ھەدىسلىرىدىن سوراپ باقمامسەن؟» دېدى، مەن ئەمرۇ ئىبنى سەلەمە بىلەن كۆرۈشۈپ سورىدىم، ئەمىر ئىبنى سەلەمە مۇنداق دېدى: بىز كىشىلەر ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا ياشايتۇق، كارۋانلار ئۆتكەن ۋاقىتتا بىز ئۇلاردىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەھۋالىنى سورايتۇق، ئۇلار: «ئۇ ئۆزىنى ئاللاھ ئىۋەتتى ۋە مۇنداق ۋەھى قىلدى دەيدىكەن» دەپ ئاڭلىغان سۈرىلەرنى ئوقۇپ بېرەتتى، مەن ئاشۇ قۇرئان ئايەتلىرىنى قەلبىمگە ئورنىغىدەك پىششىق يادلىۋالاتتىم، ئەرەپلەر مەككە ئازاد بولغىچە مۇسۇلمان بولماي كۈتۈپ تۇردى، ئۇلار: ئۇنى ۋە ئۇنىڭ قەۋمى قۇرەيشنى ئۆز ھالىغا قويۇڭلار، ئەگەر ئۇ قۇرەيشلەر ئۈستىدىن غەلبە قىلسا ئۇ راست پەيغەمبەر دەيتتى، مەككە ئازاد بولغان ۋاقىتتا ھەممە قەبىلە مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، بىزنىڭ قەۋمىمىزدىن دادام ھەممىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولدى، دادام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا بېرىپ كەلگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئاللاھ بىلەن قەسەم! ھەقىقى پەيغەمبەرنىڭ يېنىدىن كەلدىم» دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە: «بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، بۇ نامازنى مۇنداق ۋاقىتتا ئوقۇڭلار، نامازنىڭ ۋاختى بولغاندا، بىرسىڭلار ئەزان ئوقۇسۇن، قۇرئاننى كۆپرەك بىلىدىغىنىڭلار ئىمام بولسۇن» دېگەنلىكىنى يەتكۈزدى، ئۇلار قاراپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئېچىدە مەندىنمۇ قۇرئاننى كۆپ يادلىغان بىرسى يوق ئىدى، مەن كارىۋانلارغا ئۇچرىشىپ كۆپ سۈرىلەرنى يادىلىۋالغان ئىدىم، ئۇلار مېنى ئالدىغا چېقىرىپ ناماز ئوقۇپ بېرىشىم ئۈچۈن ئىمام قىلدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالتە ياكى يەتتە ياشتا ئىدىم، مىنىڭ ئۇچامدىكى قىسقا كىيىمدە سەجدە قىلسام ئېچىلىپ قالاتتىم، قەۋمىمىزدىكى بىر ئايال: «ئىمامىڭلارنىڭ ئەۋرىتىنى ياپمامسىلەر؟» دېدى، ئۇلار مەن ئۈچۈن كۆينەك سىتىۋالدى، مەن بىرىر نەرسىگە ئاشۇ كۆينەككە خۇرسەن بولغاندەك خۇرسەن بولمىغان ئىدىم. بۇ ھەدىس نامازدا ئەۋرەتنى يېپىش شەرت ئەمەس دېگەنلىكنى ئىپادىلىمەيدۇ، چۈنكى بۇ ۋەقە ئۇلار بۇ ھۆكۈمنى بىلىشتىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن بولىشى مۇمكىن