عن أُبَي بن كعب رضي الله عنه ، قال: صلَّى بنا رسول الله صلى الله عليه وسلم يوما الصُّبح، فقال: أشَاهد فلان، قالوا: لا، قال: أشَاهد فلان، قالوا: لا، قال: «إن هَاتَين الصَّلاتين أثْقَل الصلوات على المنافقين، ولو تعلمون ما فيهما لأتَيْتُمُوهُمَا، ولو حَبْوا على الرُّكَب وإن الصَّف الأول على مِثْل صفِّ الملائكة ولو عَلِمْتُم ما فَضِيلَتُه لابْتَدَرْتُمُوهُ، وإن صلاة الرَّجل مع الرَّجل أَزْكَى من صلاته وحْدَه، وصلاته مع الرَّجُلين أَزْكَى من صلاته مع الرُّجل، وما كَثر فهو أحَبُّ إلى الله تعالى».
[صحيح] - [رواه أبو داود والنسائي والدارمي وأحمد]
المزيــد ...

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كۈنى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن: پالانچى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز: ياق، كەلمىدى، دېدۇق. ئۇ: پالانى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى، بىز: ياق، دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ناماز مۇناپىقلارغا ھەقىقەتەن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نامازلاردۇر. سىلەر بۇ ئىككى نامازنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە تىزىڭلار بىلەن ئۆمىلەپ بولسىمۇ كېلەتتىڭلار. جامائەتنىڭ بىرىنچى سېپى پەرىشتىلەرنىڭ سېپىگە ئوخشاش ئۇلۇغكى، ئۇنىڭ پەزىلىتىنى بىلەلىگەن بولساڭلار، بىرىنچى سەپتە تۇرۇشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار. كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاندىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەرگەندىن كېيىن: پالانچى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز: ياق، كەلمىدى، دېدۇق. ئۇ: پالانچى كەلدىمۇ؟ دەپ سورىدى، بىز: ياق، دېدۇق. بۇ يەردە پالانچى ۋە پالانچىدىن مەقسەت بىر تۈركۈم مۇناپىقلاردۇر. دارىمىنىڭ رىۋايىتىدە شۇنداق كەلگەن «نامازغا چىقمىغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار توغۇرلۇق سورىغاندا، ئۇلارنى يوق دېگەن» شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: بۇ ئىككى ناماز مۇناپىقلارغا ھەقىقەتەن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان نامازلاردۇر. بۇ ئىككى نامازدىن مەقسەت، خۇپتەن بىلەن بامدات نامىزى. بۇخارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە بۇ ئېنىق بايان قىلىنغان. «مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان ناماز خۇپتەن بىلەن بامدات» دېگەن. ئادەتتە مۇناپىقلارغا پەرز نامازلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر كىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ئۇلار ناماز ئۈچۈن تۇرغاندا خوشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ» سۈرە نىسا 142-ئايەت. بىراق بۇ ئىككى ناماز ئۇلارغا بەك ئېغىر كېلىدۇ. چۈنكى خۇپتەن نامىزى كۈندۈزدىكى ئېغىر چارچىغانلىقتىن ئارام ئالىدىغان، ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا ئوقۇلىدۇ، بامدات نامىزى بولسا ئۇيقۇنىڭ ئەڭ شىرىن ۋاقىتلىرىدا ئوقۇلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بامدات ئەزىنىدا "ناماز ئۇيقۇدىن ياخشى"، دېيىلىدۇ. «سىلەر بۇ ئىككى نامازنىڭ پەزىلىتىنى بىلگەن بولساڭلار» يەنى ئۇنىڭدىكى ئەجىر ساۋابنى، بۇ ئىككى نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلغاندىكى پەزىلەتلەرنى بىلسەڭلار ئىدى، دېمەكچى. ساۋاب ۋە مۇكاپات جاپا مۇشەققەتكە قارىتا بولىدۇ. «ئەلىۋەتتە تىزىڭلار بىلەن ئۆمىلەپ بولسىمۇ كېلەتتىڭلار» يەنى بۇ نامازلارنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش ئۈچۈن مەسچىتلەرگە باراتتىڭلار، ھەتتا بۇ يولنى كىچىك بالىلار ئۆمىلىگەندەك ئۆمىلەپ بولسىمۇ باساتتىڭلار. بۇ ھال ئەگەردە ئۇلارنى مەسچىتكە قەدەم بېسىپ بېرىشتىن بىرەر نەرسە چەكلەپ قويسا، مەسچىتكە بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدىغان ئىدى. جامائەتنىڭ بىرىنچى سېپى پەرىشتىلەرنىڭ سېپىگە ئوخشاش ئۇلۇغ، بىرىنچى سەپ دېگەن ئىمامنىڭ كەينىدىكى سەپ. بۇ يەردىكى مەنا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىمامغا يېقىن بولغان سەپتىكى كىشلەرنى ئاللاھ تائالاغا يېقىن تۇرىدىغان مالائىكىلەرنىڭ سېپىگە ئوخشاتقان. ئەگەر سىلەر بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلەلىگەن بولساڭلار، ساۋابنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭدا تۇرۇشقا ئالدىرىغان بولاتتىڭلار، مۇسابىقىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار. ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ: ئەگەر كىشىلەر ئەزان ئېيتىشنىڭ ۋە ئالدىنقى سەپنىڭ ساۋابىنى بىلگەن بولسا، ئۇنىڭغا پەقەت چەك تاشلاش ئارقىلىقلا يەتكىلى بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۇلار چەك تاشلاپ ئىرىشكەن بولاتتى. دېگەن بۇ سۆزىگە ئوخشايدۇ. بىر كىشىنىڭ يەنە بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق. يەنى يالغۇز ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابىدىن كاتتا، ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاندىن ئارتۇق. يەنى ئۈچ كىشى بولسا، ئىككى كىشى بولغاندىن ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ. سان كۆپ بولغانلىقتىن ساۋابمۇ كاتتا بولىدۇ. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ. سان قانچىكى كۆپ بولسا ئاللاھ تائالا شۇنچە سۆيۈملۈك. بۇ بولسا جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق، ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغاندىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ