ھەدىسلەر تىزىملىكى

نامازغا ئەزان ئوقۇلسا ئاڭلامسەن؟دېدى، ئۇ كىشى: ھەئە دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇنداقتا مەسچىتكە كەلگىن دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
ئىنساننىڭ جامائەت بىلەن ئادا قىلغان نامىزى ئۆيىدە، دۇكىنىدا ۋە بازاردا يالغۇز ئادا قىلغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى خام سامساق ياكى پىياز يېسە، بىزدىن يىراق تۇرسۇن ياكى مەسجىدىمىزدىن يىراق تۇرسۇن ۋە ئۆيىدە ئولتۇرسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية
كىمكى ئەتىگىنى ياكى كەچلىرى مەسچىتكە كەلسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە جەننەتتە ئەتتىگەن ۋە كەچ ئۈچۈن رىزىقلارنى تەييارلاپ بېرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
كىشىنىڭ بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى، يالغۇز ئوقۇغاندىن ئارتۇق؛ ئۇنىڭ ئىككى ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ پەزىلىتى، بىر ئادەم بىلەن ئوقۇغان نامازدىن ئارتۇقتۇر. ناماز قانچىكى كۆپ كىشى بىلەن ئادا قىلىنسا، ئاللاھ تائالاغا شۇنچە سۆيۈملۈك بولىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەرنىڭ بىرىڭلاردىن ئايالى مەسچىتكە چىقىش ئۈچۈن ئىجازەت سورىسا ئۇنى توسمىسۇن، دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغاندا ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ بالىسى بىلال: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى ئاياللارنى مەسچىتكە چىقىشتىن توسىمىز، دېدى، ھەدىس رىۋايەت قىلغۇچى دەيدۇ: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر دەرھال بالىسىغا يوپۇرلۇپ كېلىپ مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان ئېغىر تىل-ھاقارەت بىلەن ئۇنى تىللاپ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ توسىماسلىق توغرۇلۇق ھەدىسىنى بايان قىلىۋاتسام، سەن: ئاللاھ بىلەن قەسەم توسىمىز دەۋاتامسەن؟ دېدى
عربي الإنجليزية الأوردية
جامائەت بىلەن ئوقۇلغان نامازنىڭ پەزىلىتى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق
عربي الإنجليزية الأوردية
ئى بەنى سەلەمە جەمەتىدىكىلەر! جايىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلەر، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلارغا ئەجىر يېزىلىپ تۇرىدۇ
عربي الإنجليزية الأوردية
سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيىڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۈگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن
عربي الإنجليزية الأوردية