عن أبي سليمان مالك بن الحويرث رضي الله عنه قال: أَتَينَا رسُول الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- ونَحنُ شَبَبَةٌ مُتَقَارِبُون، فَأَقَمْنَا عِندَهُ عِشْرِينَ لَيلَةً، وَكَان رَسُولُ الله -صلَّى الله عليه وسلَّم- رَحِيمًا رَفِيقًا، فَظَنَّ أَنَّا قَدْ اشْتَقْنَا أَهْلَنَا، فَسَألَنا عمَّنْ تَرَكْنا مِنْ أَهلِنا، فأَخبَرنَاه، فقال: «ارْجِعُوا إلى أَهْلِيكُم، فَأَقِيمُوا فيهم، وَعَلِّمُوهُم وَمُرُوهُم، وَصَلُّوا صَلاَةَ كَذَا في حِينِ كذَا، وصَلُّوا كَذَا في حِينِ كَذَا، فَإِذا حَضَرَتِ الصلاةُ فَلْيُؤذِّن لكم أَحَدُكُم وَلْيَؤُمَّكُم أكبركم». زاد البخاري في رواية له: «وصَلُّوا كَمَا رَأَيتُمُونِي أُصَلِّي».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ سۇلەيمان مالىك ئىبنى ھۇۋەيرس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ياش-قورام جەھەتتە تەڭداش بولغان بىر نەچچىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا ئىسلامنى ئۆگىنىش ئۈچۈن يىگىرمە كۈن تۇردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېھرىبان، ئاڭ كۆڭۈل ئىدى، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، بىزدىن ئائىلىمىزدىكى كىشىلەر ھەققىدە سورىدى، بىز ئەمەلى ئەھۋاللارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە: «سىلەر ئۆيۈڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيۈڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۆگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن»دېدى. بۇخارى رىۋايىتىدە: «خۇددى مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگىنىڭلاردەك ناماز ئوقۇڭلار»، دېگەن ئىبارەت زىيادە كەلگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مالىك ئىبنى ھۇۋەيرىس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ياش-قورام جەھەتتە تەڭداش بولغان بىر قانچىمىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق، بۇ ھىجىريىنىڭ توققۇزىنچى يىلىدىكى ئەلچىلەر يىلىدا بولغان، بۇ ياشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدا يىگىرمە كۈن تۇرغان، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۆگنىش ئۈچۈن كەلگەن، مالىك مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېھرىبان، ئاڭ كۆڭۈل ئىدى، ئۇ بىزنىڭ ئائىلىمىزنى سېغىنغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، بىزدىن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، بىز ئەمەلى ئەھۋاللارنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئېيتىپ بەردۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۆيىڭلارغا قايتىپ كېتىڭلار! ئۆيىڭدىكىلەر بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار، ئۇلارغا دىنى ئىلىم ئۆگىتىڭلار، ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، بىرىڭلار ئەزان توۋلاڭلار، ياش قورامى چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن» ئىمام بۇخارى:«مېنىڭ ناماز ئوقۇغۇنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەننى زىيادە قىلغان، مانا بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناھايىتى بەك مېھرىبان، كۆيۈمچان، كىشىلەرگە ھەممىدىن بەك كۆيۈنىدىغان شەپقەتلىك زات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى سېغىنغانلىقىنى ھېس قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خەۋەر بەرگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىشكە بۇيرىدى ۋە:«سىلەردىن ياشقا چوڭراقى ئىمام بولسۇن» دېدى، بۇ ئىماملىققا ياشقا چوڭ كىشىلەرنى ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، بۇ سۆز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «جامائەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى كۆپ بېلىدىغان كىشى ئىمام بولسۇن» دېگەن سۆزىگە زىت ئەمەس، چۈنكى ئاشۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا ئەلچى بولۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياش پەرقىمۇ ئاساسەن يوق، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان ئوقۇشتا بىر-بىرىدىن قىلىشمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: «ياشقا چوڭراقى سىلەرگە ئىمام بولسۇن» دېدى، چۈنكى ئۇلار قۇرئان ئوقۇشتىمۇ بىر-بىرىدىن كۆپ پەرقلەنمەيتتى، قۇرئان ئوقۇش، سۈننەتنى بىلىش، ھىجرەت قىلىش قاتارلىق ئەمەللەردە باراۋەر بولسا ئىماملىققا ئۇلارنىڭ ياش جەھەتتە چوڭراقى ئۆتىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «مېنىڭ ناماز ئوقۇغىنىمنى كۆرگەندەك ناماز ئوقۇڭلار» دېگەن سۆزىدىن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كىشىلەرگە ئەمەلى ۋە ئاغزاكى تەرەپتىن تەڭ تەلىم بېرىدىغانلىقى تەكىتلىنىدۇ، ئالدىراپ ناماز ئوقۇيدىغان كىشىگە: «نامازنى مەقسەت قىلساڭ، تەرەتنى كامىل ئالغىن، ئاندىن قىبلىگە يۈزلىنىپ، تەكبىر ئېيتقىن، ئاندىن قۇرئان كەرىمدىن ساڭا ئاسان بولغان سۈرىلەرنى ئوقۇغىن، ئاندىن رۇكۇ قىلغىن» دەپ ھەدىسنى ئاخىرغىچە بايان قىلغان، ئەمما ئاۋۇ ياشلارغا ئەمەلى تەلىم بەرگەن

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ھائۇساچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ