عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : «صلاةُ الرجلِ في جماعةٍ تَزِيدُ على صلاتهِ في سُوقِهِ وبَيْتِهِ بِضْعًا وَعِشْرِينَ دَرَجَةً، وذلك أنَّ أحدَهُم إذا توضأَ فأَحْسَنَ الوُضُوءَ، ثُمَّ أتى المسجدَ لا يُرِيدُ إلا الصلاةَ، لا يَنْهَزُهُ إلا الصلاةُ لم يخطُ خطوةً إلا رُفِعَ له بها درجةٌ، وحُطَّ عنه بها خطيئةٌ حتى يدخلَ المسجدَ، فإذا دخل المسجد كان في الصلاةِ ما كانت الصلاةُ هي تَحْبِسُهُ، والملائكةُ يُصلونَ على أحدِكُم ما دَامَ في مَجْلِسِهِ الذي صَلَّى فيه، يقولون: اللهُمَّ ارْحَمْهُ، اللهُمَّ اغْفِرْ له، اللهُمَّ تُبْ عليه، ما لم يُؤْذِ فِيهِ، ما لم يُحْدِثْ فِيهِ».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇسۇلماننىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئۇ كىشىنىڭ بازاردا ياكى ئۆيىدە يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە نەچچە دەرىجە ئارتۇق بولىدۇ. بۇنداق بولىشى، بىر كىشى تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، مەسچىتكە پەقەت ناماز ئوقۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلسە، ئۇ كىشى مەسچىتكە كەلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن مەرتىۋىسى بىر دەرىجە ئۈستۈن بولىدۇ، بىر خاتالىقى ئۆچۈرۈلىدۇ، مەسچىتكە كىرگەندە جامائەت بىلەن ئۆزىگە پەرز قىلىنغان نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، يەنە بىر نامازنى ساقلاپ ئولتۇرسا ئۇ كىشى نامازدا تۇرغاندەك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىر نامازنى ئوقۇپ بولۇپ مەسچىتتىن چىقىپ كەتمەي، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەي ۋە تاھارىتىنى سۇندۇرىۋەتمەي يەنە بىر نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، پەرىشتىلەر ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلغىن، ئۇنى كەچۈرگىن، ئۇنىڭغا تەۋبە ئاتا قىلغىن ۋە تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغىن» دەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

مۇسۇلمان كىشى مەسچىتتە جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزى ئۇنىڭ ئۆيىدە ياكى بازاردا ئۆزى يالغۇز ئوقۇغان نامىزىدىن يىگىرمە يەتتە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. چۈنكى جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇش ئاللاھ تائالانىڭ جامائەت نامىزىدىن ئىبارەت بولغان كۆرسەتمىسىنى تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەندۈرۈپ: ئۇ كىشى ئۆيىدە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، ئۆيىدىن پەقەت نامازنىلا مەقسەت قىلىپ مەسچىتكە ماڭسا، مەسچىت يېقىن بولسۇن ياكى ئۇزاق بولسۇن، ئۇ كىشىنىڭ باسقان ھەر قەدىمى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بىر دەرىجە يۇقىرى قىلىدۇ، بىر خاتالىقىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ، ئۇ مەسچىتكە كىرىپ بولغىچە شۇنداق بولىدۇ. مەسچىتكە كىرگەن ۋاقتىدا بەلگىلەنگەن پەرز نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، يەنە بىر نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئۇ كىشى نامازدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، چۈنكى بىر نامازنى ئوقۇپ بولۇپ مەسچىتتىن چىقىپ كەتمەي يەنە بىر نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرۇش بولسا ناماز ئوقۇۋاتقانغا ئوخشاشتۇر، بۇمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان بۈيۈك نېمەتتۇر. گەرچە ئۇ كىشى يەنە بىر نامازنى كۈتۈپ مەسچىتتە ئۇزۇن ئولتۇرغان بولسا، مەسچىتكە كىرگەندە تەھىيەتۇل مەسچىت نامىزىنى ئوقۇغان بولسا، نامازنى كۈتۈش جەريانىدا باشقا ھېچقانداق نەپلە ناماز ئوقۇمىغان بولسا، ئۇ كىشىگە يەنىلا نامازدا تۇرغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بېرىلىدۇ، ئۇ كىشى نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىر نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرغان بولسا، پەرىشتىلەر ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدە ئاللاھغا ئىلتىجا قېلىپ: «ئى ئاللاھ! ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسىلا، ئۇ كىشىنى كەچۈرسىلە، ئۇ كىشىگە مېھرىبانلىق قىلسا، ئۇ كىشىگە تەۋبە ئاتا قىلسىلا، تەۋبىسىنى قوبۇل قىلسىلا» دەيدۇ. بۇمۇ توغرا نىيەت بىلەن ياخشى ئەمەللەرگە ھازىر بولغان كىشىگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان بۇيۈك نېمەتتۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ