عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم أنه قال: «من أكل ثومًا أو بصلًا؛ فَلْيَعْتَزِلْنَا -أَوْ لِيَعْتَزِلْ مسجدنا-، وليقعد في بيته. وأُتي بِقِدْرٍ فيه خَضِرَاتٌ من بُقُولٍ، فوجد لها ريحًا، فسأل فأخبر بما فيها من البقول، فقال: قَرِّبُوهَا إلى بعض أصحابي، فلما رآه كره أكلها، قال: كل؛ فإني أُنَاجِي من لا تُنَاجِي». عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما أن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «من أكل الثوم والبصل والْكُرَّاثَ فلا يقربن مسجدنا؛ فإن الملائكة تَتَأَذَّى مما يَتَأَذَّى منه بنو آدم».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: كىمكى خام سامساق ياكى پىياز يېسە، بىزدىن يىراق تۇرسۇن، ياكى مەسجىدىمىزدىن يىراق تۇرسۇن، ۋە ئۆيىدە ئولتۇرسۇن. ئۇنىڭ قېشىغا لوۋىي ۋە كۆكتات سېلىنغان بىر قازان يېمەكلىك كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن چىققان پۇراقنىڭ نېمىنىڭ پۇرىقى ئىكەنلىكىنى سورىدى، ئۇنىڭدىكى نەرسىلەرنى دەپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى بەزى ساھابىلىرىمغا يېقىن قويۇڭلار، دېدى ۋە ئۇنى كۆرگەندە ئۇنى يېيىشنى ياقتۇرمىدى. ۋە دېدىكى: سەن يېگىن! مەن، سەن سۆزلەشمەيدىغان زات بىلەن سۆزلىشىمەن. جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: كىمكى سامساق، پىياز ۋە كۈدە يىسە، بىزنىڭ مەسجىدىمىزگە يىقىن كەلمىسۇن، چۈنكى پەرىشتىلەر ئادەم بالىلىرى ئەزىيەت چىكىدىغان نەرسىلەردىن ئەزىيەت يەيدۇ
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنىڭ ھەر ئىككى رىۋايىتى بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان

شەرھىسى

ناماز ئوقۇغۇچى، بولۇپمۇ نامازنى جامائەت توپلاشقان جايدا ئوقۇماقچى بولسا، ئەڭ خۇشپۇراق ھالدا بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خام سامساق ياكى پىياز يىگەن كىشىلەرنى، ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىلار ۋە پەرىشتىلەر ئەزىيەت يەيدىغان سېسىق پۇرىقى يوقىغۇچە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا ۋە نامىزىنى ئۆيىدە ئوقۇشقا بۇيرىدى. ئۇنىڭ قېشىغا دانلىق نەرسىلەر ۋە كۆكتاتلار سېلىنغان بىر قازان يېمەكلىك كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ئۇنىڭدىن چىققان پۇراقنى رەسۇلۇللاھ ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئۇنى شۇ سورۇنغا ھازىر بولغان ساھابىلارغا يېقىن قويۇشقا بۇيرىدى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى ياقتۇرمىغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇ ھارام قىلىنغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قالدى-دە، ئۇنى يىيىشتىن ئىككىلىنىپ قالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئۇ نەرسىنىڭ ھارام ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنى ياقتۇرماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇ نەرسىنىڭ ھاراملىقى ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى يىيىشكە بۇيرىدى، ۋە ئۆزىنى يىيىشتىن توسقان ئىش؛ ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقى ۋە ھىچكىم قىلالمايدىغان شەكىلدە يۈرەك سۆزىنى ئېيتىدىغانلىقى ۋە ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئالى پەرۋەردىگارىغا يېقىنلاشقاندا ئەڭ گۈزەل ھالەتتە بولىشىنىڭ لازىملىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇئمىنلەردىن ئەزىيەتنى يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇمنىڭ پايدىسىنى كۆزلەش، جامائەتكە ئۇ ھالدا كىلىشتىن ئىبارەت شەخسى مەنپەئەتنى كۆزلەشتىن ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئۇ جامائەتكە كىلەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنىڭ ئۆزىدۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ