عن أبي هريرة رضي الله عنه: سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول:
«قَالَ اللهُ تَعَالَى: قَسَمْتُ الصَّلَاةَ بَيْنِي وَبَيْنَ عَبْدِي نِصْفَيْنِ، وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ، فَإِذَا قَالَ الْعَبْدُ: {الْحَمْدُ لِلهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ}، قَالَ اللهُ تَعَالَى: حَمِدَنِي عَبْدِي، وَإِذَا قَالَ: {الرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ}، قَالَ اللهُ تَعَالَى: أَثْنَى عَلَيَّ عَبْدِي، وَإِذَا قَالَ: {مَالِكِ يَوْمِ الدِّينِ}، قَالَ: مَجَّدَنِي عَبْدِي، -وَقَالَ مَرَّةً: فَوَّضَ إِلَيَّ عَبْدِي-، فَإِذَا قَالَ: {إِيَّاكَ نَعْبُدُ وَإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ}، قَالَ: هَذَا بَيْنِي وَبَيْنَ عَبْدِي وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ، فَإِذَا قَالَ: {اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ، صِرَاطَ الَّذِينَ أَنْعَمْتَ عَلَيْهِمْ غَيْرِ الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ وَلا الضَّالِّينَ}، قَالَ: هَذَا لِعَبْدِي وَلِعَبْدِي مَا سَأَلَ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مەن نامازنى ئۆزۈم بىلەن بەندەم ئارىسىدا يېرىمدىن تەقسىم قىلدىم، بەندەمگە سورىغاننى بېرىمەن، بەندە: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى دەيدۇ. بەندە: «ئاللاھ تائالا ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىكتۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى دەيدۇ. بەندە: «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى دەيدۇ، يەنە بىر قېتىم: بەندەم ئىشىنى ماڭا تاپشۇردى دەيدۇ. بەندە:«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن دەيدۇ. بەندە:«بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەم ئۈچۈن، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن دەيدۇ».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىس قۇدسىيدە ئاللاھ تائالانىڭ پاتىھە سۈرىسىنى نامازدا ئۆزەم بىلەن بەندەم ئارىسىدا تەقسىم قىلدىم، يېرىمى مەن ئۈچۈن ۋە يېرىمى بەندەم ئۈچۈن دېگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ.
پاتىھەنىڭ بىرىنچى يېرىمى: ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ئۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ ئۇ كىشىنى ياخشى مۇكاپاتلايدۇ.
ئىككىنچى يېرىمى بولسا: ئاللاھ تائالاغا يالۋۇرۇش، دۇئا قىلىش، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ ۋە سورىغان ھاجىتىنى بېرىدۇ.
ناماز ئادا قىلغۇچى: «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم ماڭا ھەمدۇسانا ئېيتتى دەيدۇ. «ئاللاھ تائالا ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپىقەتلىكتۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى مەدھىيەلىدى، ماختىدى، مەخلۇقاتلىرىمغا ئاتا قىلىدىغان ئومۇمى نېمەتنىڭ مېنىڭدىن بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى دەيدۇ. «قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇر» دېسە، ئاللاھ تائالا: بەندەم مېنى ئۇلۇغلىدى، بۇ چەكسىز شەرەپ دەيدۇ.
«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم سورايمىز» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ مەن بىلەن بەندەم ئارىسىدىكى ئىشتۇر دەيدۇ.
سۈرىنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمى «ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»دېگەن ئايەتكىچە بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلۇھىيەتتە يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئىبادەت قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئايەتنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن بولغان يېرىمى ئاخىرلىشىدۇ.
سۈرىنىڭ بەندە ئۈچۈن بولغان ئىككىنچى يېرىمى بولسا: «سەندىنلا ياردەم سورايمىز» مەدەد، ياردەمنى ئاللاھتىنلا سوراش بولۇپ، ئاللاھ ياردەم بېرىشكە ۋەدە قىلدى.
بەندە: بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن، غەزىپىڭگە يولۇققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يولىغا ئەمەس، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يولىغا باشلىغىن» دېسە، ئاللاھ تائالا: بۇ بەندەمدىن قىلىنغان دۇئا ۋە يالۋۇرۇشتۇر، بەندەمگە سورىغىنىنى بېرىمەن، تېلىكىنى ئىجابەت قىلىمەن دەيدۇ».