عن أَبي هُرَيْرَةَ رضي الله عنه:
أنه كَانَ يُكَبِّرُ فِي كُلِّ صَلَاةٍ مِنَ الْمَكْتُوبَةِ وَغَيْرِهَا، فِي رَمَضَانَ وَغَيْرِهِ، فَيُكَبِّرُ حِينَ يَقُومُ، ثُمَّ يُكَبِّرُ حِينَ يَرْكَعُ، ثُمَّ يَقُولُ: سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، ثُمَّ يَقُولُ: رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ، قَبْلَ أَنْ يَسْجُدَ، ثُمَّ يَقُولُ: اللهُ أَكْبَرُ حِينَ يَهْوِي سَاجِدًا، ثُمَّ يُكَبِّرُ حِينَ يَرْفَعُ رَأْسَهُ مِنَ السُّجُودِ، ثُمَّ يُكَبِّرُ حِينَ يَسْجُدُ، ثُمَّ يُكَبِّرُ حِينَ يَرْفَعُ رَأْسَهُ مِنَ السُّجُودِ، ثُمَّ يُكَبِّرُ حِينَ يَقُومُ مِنَ الْجُلُوسِ فِي الِاثْنَتَيْنِ، وَيَفْعَلُ ذَلِكَ فِي كُلِّ رَكْعَةٍ، حَتَّى يَفْرُغَ مِنَ الصَّلَاةِ، ثُمَّ يَقُولُ حِينَ يَنْصَرِفُ: وَالَّذِي نَفْسِي بِيَدِهِ، إِنِّي لَأَقْرَبُكُمْ شَبَهًا بِصَلَاةِ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، إِنْ كَانَتْ هَذِهِ لَصَلَاتَهُ حَتَّى فَارَقَ الدُّنْيَا.

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
ناماز ئوقۇغان كىشى ھەر بىر پەرز ۋە نەپلە نامازلاردا، رامىزاندا ۋە رامىزاننىڭ غەيرىدە ناماز باشلايدىغاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇكۇ قىلىدىغاندا تەكبىر ئېيىتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ئىمام سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن سەجدە قىلىشتىن بۇرۇن: رەببەنا لەكەل ھەمد(ئى رەببىمىز ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر سىلىگە خاستۇر)دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ سەجدىگە بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككىنچى سەجدىگە بارىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىپ سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرىدۇ، ئىككىنچى رەكەتتە تەشەھھۇتتا ئولتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرىدىغان ۋاقىتتىمۇ تەكبىر ئېيتىدۇ، نامازنى ئادا قىلىپ بولغۇچە ھەر بىر رەكەتتە شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن نامازنى ئ‍وقۇپ بولۇپ جامائەتكە بۇرۇلۇپ :«مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر ئوقۇغان نامىزى مۇشۇنداق ئېدى دېدى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئادا قىلىش سۈپەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازغا تۇرغاندا، ناماز باشلاش تەكبىرىنى (تەكبىرەتۇل ئېھرام) ئېيتاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇكۇغا، سەجدىگە بارغاندا، رۇكۇدىن ۋە سەجدىدىن تۇرغاندا، ئىككىنچى سەجدىگە بارغاندا ۋە ئۇنىڭدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە، ئۈچ رەكەتلىك ياكى تۆت رەكەتلىك نامازنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكەتنى ئوقۇپ بولۇپ بىرىنچى قېتىملىق تەشەھھۇتتىن تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ناماز ئاخىرلاشقۇچە ھەممە رەكەتتە بۇ ئىشلارنى قىلىدۇ، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆرە تۇرغان ھالەتتە: رەببەنا لەكەل ھەمد(ئى رەببىمىز ئاللاھ! بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر سىلىگە خاستۇر)دەيدۇ.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى ئادا قىلىپ بولۇپ جامائەتكە قاراپ: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئوقۇغان نامىزىغا ئوخشايدىغان ياكى شۇنىڭغا ئەڭ يېقىن شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بەردىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر ئوقۇغان نامىزى مۇشۇنداق ئېدى دېدى».

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازدا ھەر قېتىم ئىگىلگەندە ۋە تۇرغاندا تەكبىر ئېيتىدۇ لېكىن رۇكۇدىن تۇرغاندا: سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)دەيدۇ،
  2. بۇ ھەدىستىن ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە سۈننەتنى ئىسىدە تۇتۇشقا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ