عن أبي هريرة رضي الله عنه قال: قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:
«لَأَنْ أَقُولَ: سُبْحَانَ اللهِ، وَالْحَمْدُ لِلهِ، وَلَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَاللهُ أَكْبَرُ، أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا طَلَعَتْ عَلَيْهِ الشَّمْسُ».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر».
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ كاتتا كەلىمىلەر بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى دەپ خەۋەر بەرگەن.
«سۇبھانەللاھ» ئاللاھنى بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكلاش.
«جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر»يەنى: ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيەلەش.
ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق: يەنى ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق.
ئاللاھۇ ئەكبەر يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتا ۋە ئۇلۇغدۇر.