عَنْ عُبَادَةَ بْنِ الصَّامِتِ رضي الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ:
«لَا صَلَاةَ لِمَنْ لَمْ يَقْرَأْ بِفَاتِحَةِ الكِتَابِ».

[صحيح] - [متفق عليه] - [صحيح البخاري: 756]
المزيــد ...

ئۇبادەتە بىن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سۈرە پاتىھەنى ئوقۇمىغان كىشىنىڭ نامىزى ناماز ئەمەستۇر»

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 756]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىسا نامازنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى، نامازنىڭ ھەر بىر رەكىتىدە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش بولسا نامازنىڭ ئاساسلىرىدىندۇر.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيالايدىغان تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا سۈرە ئوقۇسا توغرا بولمايدۇ.
  2. قەستەنلىك بىلەن بولسۇن ياكى بىلمەسلىكتىن ياكى ئۇنتۇپ قالغانلىقتىن بىرەر رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇمىسا بۇ رەكەت ھېساب بولمايدۇ، چۈنكى پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش پەرزدۇر، پەرز ھەرقانداق ھالەتتە ساقىت بولمايدۇ.
  3. ئەگەر نامازغا كېچىكىپ قالغۇچى ئىمام رۇكۇ قىلىۋاتقان ھالەتتە نامازغا كىرگەن بولسا، ئۇ كىشىدىن پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش ساقىت بولىدۇ.
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (54)