عَنِ ‌ابْنِ أَبِي أَوْفَى رضي الله عنه قَالَ:
كَانَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِذَا رَفَعَ ظَهْرَهُ مِنَ الرُّكُوعِ قَالَ: «سَمِعَ اللهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، اللَّهُمَّ رَبَّنَا لَكَ الْحَمْدُ، مِلْءَ السَّمَاوَاتِ وَمِلْءَ الْأَرْضِ وَمِلْءَ مَا شِئْتَ مِنْ شَيْءٍ بَعْدُ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئىبنى ئەبى ئەۋپا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە: «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)، رەببەنا لەكەل ھەمدۇ، مىلئەس سەماۋاتى ۋە مىلئەل ئەرزى ۋە مىلئە ما شىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ»(ئى رەببىمىز ئاللاھ! ئاسمانلار، زېمىنلار، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەن خالىغان چەكسىز بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر)دەيدۇ.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە:«سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە» (ئاللاھ ئۆزىنى مەدھىيلىگەن كىشىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى)،دەيتتى، يەنى: كىمكى ئاللاھنى مەدھىيلىسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ، مەدھىيسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاللاھ تائالانى مەدھىيلەيدۇ: رەببەنا لەكەل ھەمدۇ، مىلئەس سەماۋاتى ۋە مىلئەل ئەرزى ۋە مىلئە ما شىئتە مىن شەيئىن بەئدۇ»(ئى رەببىمىز ئاللاھ! ئاسمانلار، زېمىنلار، ئۇلارنىڭ ئارىسى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سەن خالىغان چەكسىز بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ساڭا خاستۇر).

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بۇ ھەدىس ناماز ئوقۇغۇچى رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە دېيىش ياخشى كۆرۈلىدىغان زىكىرلەرنى بايان قىلىدۇ.
  2. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن نورمال ھالەتتە تۇرۇش يوللۇق بولۇپ، نورمال، خاتىرجەم ھالەتتە تۇرمىغاندا بۇ زىكىرلەرنى دېيىش مۇمكىن بولمايدۇ.
  3. بۇ زىكىرلەرنى پەرز ۋە نەپلە بولغان بارلىق نامازلاردا ئېيتىش يوللۇقتۇر.