عَنْ ‌وَرَّادٍ كَاتِبِ الْمُغِيرَةِ بْنِ شُعْبَةَ قَالَ: أَمْلَى عَلَيَّ الْمُغِيرَةُ بْنُ شُعْبَةَ فِي كِتَابٍ إِلَى مُعَاوِيَةَ:
أَنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ كَانَ يَقُولُ فِي دُبُرِ كُلِّ صَلَاةٍ مَكْتُوبَةٍ: «لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لَا مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلَا مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلَا يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كاتىپى ۋەرراد مۇنداق دەيدۇ: مۇغىرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇغا ئەۋەتىدىغان خەتنى ماڭا يازدۇردى:
«ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن مۇنداق دەيتتى:«لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لَا مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلَا مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلَا يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ»تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يەككە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ! سىلە بىر نەرسە ئاتا قىلسىلا ئۇنى چەكلىگۈچى يوق، سىلە چەكلىسىلە ئۇنى ئاتا قىلغۇچى يوقتۇر، سىلىنىڭ كاتتىلىقلىرى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر پەرز نامازدىن كېيىن:«لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ، اللَّهُمَّ لَا مَانِعَ لِمَا أَعْطَيْتَ، وَلَا مُعْطِيَ لِمَا مَنَعْتَ، وَلَا يَنْفَعُ ذَا الْجَدِّ مِنْكَ الْجَدُّ» تەرجىمىسى: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھ يەككە يېگانىدۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى يوقتۇر، پادىشاھلىق ۋە گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئى ئاللاھ! سىلە بىر نەرسە ئاتا قىلسىلا ئۇنى چەكلىگۈچى يوق، سىلە چەكلىسىلە ئۇنى ئاتا قىلغۇچى يوق، سىلىنىڭ كاتتىلىقلىرى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقىنىڭ ياكى بايلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ»دەيتتى.
يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېگەن تەۋھىد كەلىمىسىنى ئىقرار قىلىمەن ۋە ئېتىراپ قىلىمەن. ھەقىقى ئىبادەتنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىسپاتلايمەن ۋە ئاللاھدىن باشقا باتىللاردىن چەكلەيمەن. ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق، ھەقىقى تولۇق مۇلكىيەت -ئىگىدارچىلىقنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلىمەن. ئاسمانلار ۋە زېمىنلەردىكى بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان-بېكىتكەن ئاتا-ئېھساننى چەكلىگۈچى ۋە رەت قىلغۇچى يوق، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ئالدىدا باشقىلارنىڭ كاتتىلىقى ياكى بايلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ھەقىقەتەن پايدىسى بولىدىغىنى ياخشى ئەمەلدۇر.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. تەۋھىد ۋە ئاللاھنى مەدھىيلەشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بۇ زىكىرنى ھەر نامازدىن كېيىن دېيىش ياخشى بولىدۇ.
  2. سۈننەتكە ئەگىشىش ۋە ئۇنى تارقىتىشقا ئالدىراش.
تېخىمۇ كۆپ