عن أبي سعيد الخُدْرِي رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم إذا قام من الليل كَبَّر، ثم يقول: «سُبْحَانك اللَّهم وبحَمْدِك وتبارك اسْمُك، وتعالى جَدُّك، ولا إله غَيْرك»، ثم يقول: «لا إله إلا الله» ثلاثا، ثم يقول: «الله أكبر كبيرا» ثلاثا، «أعُوذُ بالله السَّميع العليم من الشَّيطان الرَّجيم من هَمْزِه، ونَفْخِه، ونَفْثِه»، ثم يقرأ.
[صحيح] - [رواه أبو داود وابن ماجه والنسائي وأحمد]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن: «ئى ئاللاھ! سېنى ماختاش بىلەن بىرگە پاك دەپ ئىتىقاد قىلىمەن، سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك، ئۇلۇغلۇقۇڭ يۈكسەك، سەندىن باشقا ئىلاھ يوق» دەيىتتى، ئاندىن: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» دەپ ئۈچ قېتىم، «ئاللاھ ھەممىدىن بۈيۈك» دەپ ئۈچ قېتىم دەپ، «ھەممىنى ئاڭلاپ، بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ بىلەن قوغلاندى شەيتاننىڭ زىيانكەشلىكى، ۋەسۋەسىسى ۋە سېھىرلىشىدىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ، ئاندىن قىرائەتنى باشلايتتى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە تۇرغان ۋاقتىدا تەكبىر ئېيتاتتى» يەنى: نامازنى باشلاش تەكبىرىنى ئېيتاتتى، ئۇ پەرز بولۇپ، ناماز مۇشۇ تەكبىر بىلەن باشلىنىدۇ. ئاندىن: ئى ئاللاھ! ساڭا لايىق بولمايدىغان، ئۇلۇغلۇقۇڭغا مۇناسىپ كەلمەيدىغان ھەرقانداق ئەيىپ-نۇقسان، كەمچىللىكتىن «سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن»، سېنى ماختايمەن» بۇ ئاللاھ تائالانى بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا مەدھىيلەشتىن ئىبارەت، يەنى: ئى ئاللاھ! سەن مۇۋەپپەق قىلمىساڭ، ھىدايەت قىلمىساڭ مەن سېنى پاك دەپ ئىتىقاد قىلالمايتتىم، بۇ بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلمىسا ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىدىغانلىقىنى ئېپادىلىشىدۇر.«سېنىڭ ئىسمىڭ بەرىكەتلىك» سېنىڭ بەرىكىتىڭ كۆپ ۋە ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ياخشىلىقلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا خاس ئىكەنلىكىگە ئەسكەرتىش. «سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ ھەممىدىن ئۈستۈن» ھەر قانداق ئۇلۇغلۇقنىڭ ئۈستىدە، ئۇلۇغلۇقۇڭ ھەممە نەرسىدىن يۇقىرى، ھۆكۈمرانلىقىڭ ھەممە ھۆكۈمرانلىقنى بويسۇندۇردى، ئاللاھ تائالانىڭ كاتتىلىقى ئالىدۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقتىمۇ، پەرۋەردىگارلىقتىمۇ ۋە ئىلاھلىقتىمۇ ياكى ئىسىم-سۈپەتتىمۇ ھېچ شېرىكى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرىدا: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق» يەنى: سەندىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ئىلاھ يوق، سېنىڭ ھېچ شېرىكىڭ يوق، سەن ئۆزۈڭ سۈپەتلىگەن ئېسىل سۈپەت، باشقىلارغا ئاتا قىلغان ئالى نېمەت بىلەن ئىبادەتكە لايىقسەن. بۇ ناماز باشلاشتا ئاللاھ تائالانى مەدھىيىلەش، ئاللاھنى لايىق بولمايدىغان نەرسىلەردىن پاكلاش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بارلىق ئەيىپ-نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، بۇ مۇشۇ باپتا كەلگەن ناماز باشلاش دۇئالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئەۋزىلى بىر قېتىم بۇنى، يەنە بىر قېتىم باشقىسىنى ئوقۇپ، بەزىسىگە سەل قارىماي ھەدىسلەرنىڭ ئارىسىنى جۇغلاشتۇر، ناماز باشلاش دۇئالىرىدىن يەنە: «ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق» يەنى: ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق، دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلاش، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «(بۇ قۇدرەت) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ ھەقتۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان نەرسىلىرى (يەنى بۇتلىرى) باتىلدۇر، ئاللاھ (ھەممە نەرسىدىن) ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر» ھەج سۈرىسى 62-ئايەت. ئاندىن «ئاللاھ ھەممىدىن كاتتىدۇر» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەش بىلەن نامازنى باشلايدۇ، «ھەممىنى ئاڭلىغۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھ بىلەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن يىراق قىلىنغان، ھەددىدىن ئاشقۇچى ئىنسان ۋە جىندىن بولغان شەيتانلارنىڭ دىن-دۇنيالىق ئىشلىرىمدا مېنى پايدىلىق بولغان ئىشلاردىن چەكلەپ، ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىدىن پاناھ تىلەيمەن» كىم ئاللاھدىن پاناھ تىلىسە، كۈچلۈك بىر ياردەمگە ئېرىشكەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن ئۆزىنى ھالاك قېلىشنى، يامانلىققا ئىتتىرىشنى، ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ئىبادىتىدىن ئۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ياۋۇز دۈشمەندىن ساقلىنىپ قالىدۇ. شەيتاننىڭ ھۇشسىزلاندۇرىشىدىن، تەكەببۇرلاشتۇرۇپ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان قىلىپ قويۇشىدىن، سېھىر قىلىشىدىن پاناھ تىلەيمەن». ئاندىن قۇرئان ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىدۇ، قىرائەتنىڭ بېشىنى پاتىھە سۈرىسىدىن باشلايدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ