عن عائشة رضي الله عنها قالت: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم «يَسْتَفْتِح الصلاة بالتَّكبير، والقِراءةَ بـ {الحَمْدُ لله ربِّ العَالمين}، وكان إذا ركع لم يُشْخِص رأسه، ولم يُصَوِّبْه ولكن بَيْنَ ذلك، وكان إذا رفع رأَسه من الرُّكوع لم يَسجد، حتى يَسْتَوِيَ قائما، وكان إذا رفع رأسه من السَّجْدَة، لم يَسجد حتى يَسْتَوِيَ جالسا، وكان يقول في كل ركعتين التَّحِيَّةَ، وكان يَفْرِش رِجْلَه اليُسْرَى وَيَنْصِبُ رِجْلَهُ اليُمْنَى، وكان يَنْهَى عن عُقْبَةِ الشَّيطان، ويَنْهَى أن يَفْتَرِشَ الرَّجل ذِرَاعَيْهِ افْتِرَاشَ السَّبُعِ، وكان يَخْتِم الصلاة بالتَّسْلِيم».
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازنى باشلىغاندا تەكبىر ئېيتىپ قىرائەتنى «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين» بىلەن باشلايتتى، رۇكۇ قىلغاندا دۇمبىسىنى بەك تۆۋەنمۇ قىلماي بەك ئىگىزمۇ قىلماي ئورتاھال تۇتاتتى، رۇكۇدىن تۇرغاندا تەمكىن تۇرۋېتىپ ئاندىن سەجدە قىلاتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەمكىن تۇرىۋېتىپ ئاندىن سەجدە قىلاتتى، ھەر ئىككى رەكەتتە بىر تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى،تەشەھھۇدتا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ ئولتۇراتتى، رەسۇلۇللاھ شەيتاننىڭ ئولتۇرۇشىدىن توسقان«ئىككى پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يەرگە قىلىپ پۇتنىڭ ئالقىنىدا ئولتۇرۇش» ۋە يەنە سەجدە قىلغاندا ئىككى بىلەكنى يەرگە چاپلاپ سەجدە قىلىشتىن توستى، رەسۇلۇللاھ نامازنى سالام بىرىش بىلەن تۈگىتەتتى
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
بۇ ھەدىستە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىنى ئۈگەتكەن ۋە تەلىم بەرگەن نوقتىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ نامىزىنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەرگەن، رەسۇلۇللاھ نامازنى تەكبىرەتۇل ئىھرام «ئاللاھۇ ئەكبەر» بىلەن باشلايتتى، قىرائەتتىن سۈرە پاتىھەنى «ئەلھەمدۇ لىللاھ» نى باشتا ئوقۇيتتى، قىيامدىن كېيىنكى رۇكۇدا دۇمبىسىنى بەك توۋەنمۇ بەك ئۈستۈنمۇ قىلمايتتى، بەلكى تۈز ۋە ئوتتۇرسىدا قىلاتتى، سەجدىگە بېرىشتىن ئىلگىرى، رۇكۇدىن تۇرغاندا رۇس ۋە تىك، تەمكىن تۇراتتى، سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە تەمكىن ئولتۇرماي سەجدە قىلمايتتى، ھەر ئىككى رەكەتتىن كېيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بۇ زىكرىنى دەيتتى: پۈتكۈل ئۇلۇغلاش قىلىندىغان بارلىق ئىبادەتلەر، ۋە بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئاللاھقا خاستۇر. تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا ئوڭ پۇتىنى تىكلەپ سول پۇتىنى يېيىپ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى، نامازدا شەيتان ئولتۇرغاندەك ئولتۇرۇشتىن توسقان، ئۇ بولسىمۇ، ئىككى پۇتىنىڭ دۇمبىسىنى يەرگە قىلىپ، پۇتنىڭ ئالقىنى ۋە تاپىنىدا ئولتۇرۇش، ياكى ئىككى پۇتىنى تىكلەپ كاسىنى يەرگە چاپلاپ ئولتۇرۇش. يەنە نامازخاننى ئىككى بىلىكىنى خۇددى يىرىتقۇچىلار يەرگە چاپلىغاندەك چاپلاپ سەجدە قىلىشتىن توسقان. ناماز ئاللاھ تائالانى ئۇلۇغلاش ۋە بۈيۈك بىلىش بىلەن باشلىنىپ، پەرىشتىلەرگە، ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بارلىق تەقۋادار مۇسۇلمانلارغا، ئىلگىرى ۋە كېيىنكىلەرگە سالام بىرىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، نامازخان كۆپچىلىككە قىلىنغان بۇ دۇئانى مۇلاھىزە قىلىش كېرەك