عن جُبَيْرُ بْنُ مُطْعِم رضي الله عنه قال: «سمعت النبي صلى الله عليه وسلم يقرأ في المغرب بِالطُّور».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئوقۇش ئادىتىدە، ئۇ بامدات نامىزىدا قىرائەتنى ئۇزۇن قىلاتتى ۋە شام نامىزىدا قىسقا قىلاتتى. بەش نامازنىڭ ئىچىدە ئۇندىن باشقىلىرىدا ئوتتۇرىھال قىلاتتى. لېكىن خۇددى بۇ ھەدىستە كەلگەندەك، ئۇ بەزى چاغدا، باشقىچە ئوقۇشنىڭ رۇخسەتلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ياكى باشقا بىر مەقسەتتە ئۇ ئادىتىنى تاشلايتتى. بۇ ھەدىستە شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇدى، بۇ سۈرە قىسقا سۈرىلەرنىڭ ئۇزۇنلىرىدىندۇر

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ