عن أَبِي حَازِمِ بْن دِينَارٍ:
أَنَّ رِجَالًا أَتَوْا سَهْلَ بْنَ سَعْدٍ السَّاعِدِيَّ، وَقَدِ امْتَرَوْا فِي الْمِنْبَرِ مِمَّ عُودُهُ، فَسَأَلُوهُ عَنْ ذَلِكَ، فَقَالَ: وَاللهِ إِنِّي لَأَعْرِفُ مِمَّا هُوَ، وَلَقَدْ رَأَيْتُهُ أَوَّلَ يَوْمٍ وُضِعَ، وَأَوَّلَ يَوْمٍ جَلَسَ عَلَيْهِ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، أَرْسَلَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ إِلَى فُلَانَةَ -امْرَأَةٍ من الأنصار قَدْ سَمَّاهَا سَهْلٌ-: «مُرِي غُلَامَكِ النَّجَّارَ أَنْ يَعْمَلَ لِي أَعْوَادًا أَجْلِسُ عَلَيْهِنَّ إِذَا كَلَّمْتُ النَّاسَ»، فَأَمَرَتْهُ فَعَمِلَهَا مِنْ طَرْفَاءِ الْغَابَةِ، ثُمَّ جَاءَ بِهَا، فَأَرْسَلَتْ إِلَى رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَأَمَرَ بِهَا فَوُضِعَتْ هَاهُنَا، ثُمَّ رَأَيْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ صَلَّى عَلَيْهَا وَكَبَّرَ وَهُوَ عَلَيْهَا، ثُمَّ رَكَعَ وَهُوَ عَلَيْهَا، ثُمَّ نَزَلَ الْقَهْقَرَى، فَسَجَدَ فِي أَصْلِ الْمِنْبَرِ ثُمَّ عَادَ، فَلَمَّا فَرَغَ أَقْبَلَ عَلَى النَّاسِ فَقَالَ: «أَيُّهَا النَّاسُ، إِنَّمَا صَنَعْتُ هَذَا لِتَأْتَمُّوا وَلِتَعَلَّمُوا صَلَاتِي».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبى ھازىم بىن دىيناردىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
بىر قانچە كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا خۇتبە سۆزلەيدىغان مۇنبىرىنىڭ قانداق ياغاچتىن ياسالغانلىقى توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىپ ئاخىرىدا سەھلە بىن سەئەد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى. ئۇ كىشى: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن مۇنبەرنىڭ قانداق ياغاچتىن ياسالغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىمەن، مەن بۇ مۇنبەرنىڭ تۇنجى قېتىم قويۇلغانلىقىنى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنىڭدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەنسارىلاردىن بولغان سەھلە دەپ ئاتىلىدىغان پالانى ئايالغا ئادەم ئەۋەتىپ: «سېنىڭ ياغاچچى خىزمەتچىڭنى بۇيرىغىن، ماڭا كىشىلەرگە سۆز قىلغاندا ئولتۇرىدىغان پەشتاقلىق مۇنبەر ياساپ بەرسۇن» دېدى. ئۇ ئايال خىزمەتچىسىنى بۇيرىدى، ئۇنى جاڭگالدىكى چىلان دەرىخىدىن ياساپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئايال مۇنبەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرنى بۇ يەرگە قويۇشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە چېقىپ ناماز باشلىغانلىقىنى، تەكبىر ئېيتقانلىقىنى، مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ رۇكۇ قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن كەينىچە مۇنبەردىن چۈشۈپ زېمىنغا سەجدە قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەرگە چىققانلىقىنى كۆردۈم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندا كىشىلەرگە يۈزلىنىپ: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە نامازنى ماڭا ئوخشاش ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

بىر قانچە كىشى ساھابىلاردىن بىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرىنىڭ نېمىدىن ياسالغانلىقىنى سورايدۇ، ئۇلار بۇ توغرىدا تالاش-تارتىش قىلغان ئېدى، ساھابى ئۇلارغا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەنسارىلاردىن خىزمەتچىسى ياغاچچىلىقنى بىلىدىغان بىر ئايالغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا: «خىزمەتچىڭىزنى بۇيرۇڭ ماڭا بىر مۇنبەر ياساپ بەرسۇن، مەن ئۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلاي دېدى»، ئايال ماقۇل دەپ خىزمەتچىسىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چىلان دەرىخىدىن بىر مۇنبەر ياساپ بېرىشكە بۇيرىدى، خىزمەتچى ياساپ ئەكەلگەندە، ئايال ئۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەۋەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى مەسچىتتىكى ھەزىرقى ئورنىدا قويۇشقا بۇيرىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنبەرنىڭ ئۈستىگە چېقىپ ناماز باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە تەكبىر ئېيتتى، ئۇنىڭدىن مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ رۇكۇ قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى قىبلىدىن بۇرىماستىن كەينىچە مۇنبەردىن چۈشۈپ زېمىنغا سەجدە قىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە مۇنبەرگە چىقتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنى ئادا قىلىپ بولغاندا كىشىلەرگە يۈزلىنىپ: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن مەن سىلەرگە نامازنى ماڭا ئوخشاش ئادا قىلىشنى تەلىم بېرىش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم» دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مەسچىتتە مۇنبەر قويۇپ خۇتبە سۆزلىگەندە ئۇنىڭ ئۈستىگە چېقىش ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى سۆزنى يىراقتىكىلەرگە يەتكۈزگىلى ۋە ئاڭلاتقىلى بولىدۇ.
  2. باشقىلارغا تەلىم بېرىش ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ ئۈستىدە ناماز ئادا قىلىش، ئېھتىياج بولغاندا ئىمامنىڭ جامائەتتىن ئۈستۈن تۇرۇپ ناماز ئادا قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ.
  3. مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجى ئ‍ۈچۈن ھۈنەر-كەسىپ ئەھلىدىن ياردەم سوراش جايىزدۇر.
  4. نامازدا ھاجەت بولغاندا ئاز ھەرىكەت قىلسا بولىدۇ.
  5. ئىمامغا ئەگەشكۈچى تەلىم ئېلىش ئۈچۈن نامازدا تۇرۇپ ئىمامغا قارىسا بولىدۇ، بۇ نامازدىكى خۇشۇغا زىت كەلمەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ