عن عُثْمَانَ بْنَ أَبِي الْعَاصِ رضي الله عنه:
أنه أَتَى النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَ: يَا رَسُولَ اللهِ، إِنَّ الشَّيْطَانَ قَدْ حَالَ بَيْنِي وَبَيْنَ صَلَاتِي وَقِرَاءَتِي يَلْبِسُهَا عَلَيَّ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ذَاكَ شَيْطَانٌ يُقَالُ لَهُ خِنْزَِبٌ، فَإِذَا أَحْسَسْتَهُ فَتَعَوَّذْ بِاللهِ مِنْهُ، وَاتْفُلْ عَلَى يَسَارِكَ ثَلَاثًا»، قَالَ: فَفَعَلْتُ ذَلِكَ فَأَذْهَبَهُ اللهُ عَنِّي.

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم، ئوقۇغان تېلاۋىتىمنىڭ ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولۇپ ئۇنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئۇ كىشى: مەن شۇنداق قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! شەيتان مەن بىلەن مېنىڭ نامىزىم ئارىسىدا ماڭا توسانجا بولىدۇ، مېنى نامازنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىشتىن كاشىلا بولىدۇ، ئوقۇغان تىلاۋېتىمنى ماڭا ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدا ماڭا شەك پەيدا قىلىپ قويىدۇ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:«ئۇ ھىنزەپ دەپ ئاتىلىدىغان شەيتاندۇر، سەن بۇنى ھېس قىلغان ۋە تاپقان ۋاقتىڭدا، ئۇنىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلىگىن، ئاللاھ بىلەن ساقلانغىن، سول تەرىپىڭگە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋەتكىن» دېدى. ئوسمان بىن ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ : مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرىغاننى قىلغان ئېدىم، ئاللاھ تائالا ئۇ ۋەسۋەسىنى مەندىن كەتكۈزىۋەتتى دېدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە ماليامچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. نامازدا كۆڭلىنى جايىدا قويۇپ خۇشۇ بىلەن تۇرۇشنىڭ مۇھىم ئېكەنلىكى، شەيتان نامازدا ئىنساننى تەشۋىشكە سېلىش ۋە شەك قىلدۇرۇشقا تېرىشچانلىق قىلىدۇ.
  2. نامازدا شەيتان ۋەسۋەسە قىلغاندا، سول تەرەپكە ئۈچ قېتىم تۈفلىۋېتىش بىلەن بىرگە شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
  3. ساھابىلار ئارىسىدا ھەر قانداق قىيىنچىلىق پەيدا بولسا، ئۇلارنىڭ ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىدىغانلىقى بايان قىلىندۇ.
  4. ساھابىلار ئاخىرەت ئىشلىرىغا بەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ دىلى ئويغاق ئىدى
تېخىمۇ كۆپ