عن مَسْلَمَةَ سَعِيدِ بْنِ يَزِيد قال: سألت أنس بن مالك: أكان النبي صلى الله عليه وسلم يُصَلِّي في نَعْلَيْهِ؟ قال: «نعم».
[صحيح] - [رواه البخاري]
المزيــد ...

مەسلەمە سەئىد ئىبنى يەزىد مۇنداق دەيدۇ: ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ دەپ سورىسام، ھەئە، دەپ جاۋاپ بەردى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى بولسا، ئەھلى كىتابقا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇسۇلمانغا قېيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت بولىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى يوق قىلىشتۇر، سەئىد ئىبنى يەزىد بولسا ئىشەنچىلىك تابىئىنلاردىن بولۇپ، ئۇ كىشى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇغانمۇ؟ ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلساق بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، (چۈنكى ئۇ كىشى: ئاياغ دېگەن كۆپ ۋاقىتلاردا پاكىزە بولمىغان، مەينەت نەرسىلەر يۇقۇپ قالىدىغان بولغاچقا ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇشنى توغرا ئەمەسمىكى دەپ قارىغان ئىدى). ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ: ھە-ئە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئايىغى بىلەن ناماز ئوقۇيتتى، ئاياغ بىلەن ناماز ئوقۇشمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پاك سۈننەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ مەلۇم زېمىن ياكى مەلۇم ۋاقىتقا خاس بولمايدۇ دېدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ساۋاھىلچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ