عن علي بن أبي طالب رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «البَخِيلُ مَنْ ذُكِرْتُ عِنْدَهُ، فَلَمْ يصَلِّ عَلَيَّ».
[صحيح] - [رواه الترمذي وأحمد والنسائي في الكبرى وهو عندهم من حديث الحسين بن علي مسندًا، وذكر النسائي أنه من حديث علي بن أبي طالب مرسلا]
المزيــد ...

ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: مېنىڭ ئىسمىم تىلغا ئېلىنسا، ماڭا دۇرۇت ئوقۇمىغان كىشى ھەقىقى بېخىل كىشىدۇر
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىستە «بىخىل» دەپ كەلگەن بۇ سۆز، ھەقىقى بىخىل؛ مېنىڭ ئىسمىم قۇلاق تۈۋىدە تىلغا ئېلىنسىمۇ ماڭا دۇرۇت سالام يوللىمىغان كىشى دېگەن مەنىدە. چۈنكى ئۇ كىشى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت-سالام يوللاشتەك بىر مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلمىغان بىخىلدۇر. يەنە ئۇ ئۆزىگىمۇ بىخىللىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھقا بىر قېتىم دۇرۇت يوللاش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە چۈشىدىغان 10 رەھمىتىنى توسۇپ قالغان بولىدۇ. بۇ بىر كىشىگە ئوخشاشكى، خەيرى-ساخاۋەتنى ياخشى كۆرمەيدىغان، يەنى رەسۇلۇللاھقا دۇرۇت يوللىماسلىقنى، ياخشىلىق يوللىرىدا پۇل-مال چىقىم قىلمايدىغان بېخىل ئادەمگە ئوخشاتقان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ