عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ المُؤمنينَ رضي الله عنها قَالَتْ:
دَخَلَ عَلَيَّ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، وَقَدْ سَتَرْتُ سَهْوَةً لِي بِقِرَامٍ فِيهِ تَمَاثِيلُ، فَلَمَّا رَآهُ هَتَكَهُ وَتَلَوَّنَ وَجْهُهُ وَقَالَ: «يَا عَائِشَةُ، أَشَدُّ النَّاسِ عَذَابًا عِنْدَ اللهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ الَّذِينَ يُضَاهُونَ بِخَلْقِ اللهِ» قَالَتْ عَائِشَةُ: «فَقَطَعْنَاهُ فَجَعَلْنَا مِنْهُ وِسَادَةً أَوْ وِسَادَتَيْنِ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغان ھەدىستە مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمغا كىردى، مەن نەرسە-كېرەك قويىدىغان تاكچىگە سۈرەت بار رەخت بىلەن پەردە قىپتىمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆرۈپ، چىرايى ئۆزگۈرۈپ، ئاچچىغى كېلىپ، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ:«ئەي ئائىشە! قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر»دېدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر دانە ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئائىشە ئانىمىزنىڭ نەرسە-كېرەك ساقلايدىغان تاكچىنى جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتى بولغان بىر رەخت بىلەن پەردە قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقلانغانلىقىدىن چېرايى ئۆزگۈرۈپ كەتتى، پەردىنى تارتىپ ئېلىۋېتىپ: قىيامەت كۈنىدە بەك ئازابلىنىدىغان كىشى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەردۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئۇ رەختنى كېسىپ بىر ياكى ئككى دانە ياستۇق قىلىۋەتتۇق».

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. مۇنكەر ئىشنى كۆرگەندە ئۇنىڭدىن چوڭراق بۇزۇقچىلىق ۋە يامانلىق بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنى دەرھال ئىنكار قىلىش، ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك كېرەك.
  2. قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى گۇناھنىڭ كاتتىلىقى ھېسابى بويۇنچە بولىدۇ.
  3. جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چوڭ گۇناھلاردىن ھېسابلىنىدۇ.
  4. ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشاش نەرسىلەرنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ھارام بولىشى: سۈرەت سىزغۇچى ئاللاھ ياراتقان نەرسىلەرگە ئوخشىتىشنى مەقسەت قىلسۇن ياكى مەقسەت قىلمىسۇن ئوخشاش.
  5. ئىسلام پىرىنسىپى مال-مۈلۈكنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىڭدىن ئۆز يولىدا پايدىلىنىش، ئۇنى چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن يىراق بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
  6. ھەرقانداق شەكىلدە بولسۇن ھەتتا ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىگىمۇ جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى سېزىش چەكلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ