عَنْ عَبْدِ اللهِ بنِ مَسْعُودٍ رضي الله عنه قال:
سَأَلْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: أَيُّ الذَّنْبِ أَعْظَمُ عِنْدَ اللهِ؟ قَالَ: «أَنْ تَجْعَلَ لِلهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ» قُلْتُ: إِنَّ ذَلِكَ لَعَظِيمٌ، قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «وَأَنْ تَقْتُلَ وَلَدَكَ؛ تَخَافُ أَنْ يَطْعَمَ مَعَكَ» قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «أَنْ تُزَانِيَ حَلِيلَةَ جَارِكَ».

[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى»، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا گۇناھ، ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«پىقىرلىقتىن قورقۇپ، بالاڭنىڭ سەن بىلەن بىرگە يېمەك يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ»دېدى، مەن: ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»دېدى.

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن گۇناھنىڭ كاتتىسىدىن سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى چوڭ شېرىكتۇر، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھقا ئىلاھلىقىدا، پەرۋەردىگارلىقىدا، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىك قىلىش، باراۋەر قىلىش ۋە ئوخشىشىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى سادىر قىلغۇچى تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلمايدىغان چوڭ گۇناھتۇر. ئەگەر ساھىبى تەۋبە قىلماي شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى پىقىرچىلىقتىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە شېرىك بولىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆلتۈرىۋېتىشىدۇر، بىر جاننى ئۆلتۈرۈش ھارام بولۇپ، تۇغقاندارچىلىقى بولغان كىشىنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك قاتىلنىڭ مەقسىدى ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىققا شېرىك بولىشىدىن قورقۇپ ئۆلتۈرۈش بولسا بۇنىڭ جىنايىتى تىخىمۇ ئ‍ېغىردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان ئۆزىنىڭ خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتۇر، خوشنىسىنىڭ ئايالىنى گوللاپ، ئازدۇرۇپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتۇر. ھەرقانداق يات ئايال بىلەن زىنا قىلىش ھارام بولسىمۇ لېكىن شەرىئەت ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ياخشى ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلغان خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ جىنايىتى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ياخشى ئەمەللەر پەزىلەتتە پەرقلىق بولغانغا ئوخشاش گۇناھمۇ كاتتىلىقتا پەرقلىق بولىدۇ.
  2. گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن نامراتلىقتىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىش قاتارلىقلار.
  3. رىزىق ئاللاھنىڭ قولىدا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى.
  4. خوشنىنىڭ ھەققى كاتتىدۇر، خوشنىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ جىنايىتى باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ جىنايىتىدىن بۈيۇكتۇر.
  5. ھەممىنى ياراتقۇچى، ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يالغۇز ئاللاھ ئىبادەتكە لايىقتۇر.
تېخىمۇ كۆپ