عن أبي مسعود الأنصاري رضي الله عنه قال:
جَاءَ رَجُلٌ إِلَى النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَقَالَ: إِنِّي أُبْدِعَ بِي فَاحْمِلْنِي، فَقَالَ: «مَا عِنْدِي»، فَقَالَ رَجُلٌ: يَا رَسُولَ اللهِ، أَنَا أَدُلُّهُ عَلَى مَنْ يَحْمِلُهُ، فَقَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «مَنْ دَلَّ عَلَى خَيْرٍ فَلَهُ مِثْلُ أَجْرِ فَاعِلِهِ».

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبى مەسئۇد ئەنسارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «مېنىڭ يېنىمدا ھېچ نەرسە يوق» دېدى، ساھابىلاردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ياخشىلىققا باشلاپ قويغان كىشى ياخشىلىقنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ دېدى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مەن سەپەردە ئۇلۇغىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، ماڭا سەپەرنى داۋاملاشتۇرغىلى بىر ئۇلاغ ياردەم قىلسىلا دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە ئۈزۈر ئېيتىپ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئۇ كىشىگە ياردەم قىلغۇدەك بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، سورۇندا بولغان كىشىلەردىن بىرى: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئۇنى سەپەرگە يولغا سېلىپ قويىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ باراي دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇ كىشىنىڭ، ئېھتىياجلىق كىشىنى ھاجىتىگە باشلاپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئەجىر-ساۋاپتا سەدىقە قىلغۇچىغا ئورتاق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ياخشى ئىشقا يېتەكلەش ۋە ياردەمچى بولۇشقا قىزىقتۇرۇش.
  2. مۇسۇلمانلار جەمئىيتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە كاپالەتلىك قىلىش ساۋاپ بولىدىغان ياخشى ئىشلارغا قىزىقتۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.
  3. ئاللاھ تائالانىڭ پەزلى-رەھمىتى كەڭرىدۇر.
  4. ھەدىس ئومۇمى قائىدە بولۇپ، ھەر قانداق ياخشى ئەمەللەر بۇنىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.
  5. ئىنسان ھاجەتمەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغاندا، ئۇ كىشىنى ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ يېنىغا باشلاپ قويۇش.
تېخىمۇ كۆپ