عن عبد الله بن عباس رضي الله عنهما أن رجلا قال للنبي صلى الله عليه وسلم : ما شاء الله وشِئْتَ، فقال: «أجعلتني لله نِدًّا؟ ما شاء الله وَحْدَه».
[إسناده حسن] - [رواه أحمد]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئاللاھ تائالا ۋە سەن خالىساڭ، دېگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇ كىشىنى ئەيىپلەپ: مېنى ئاللاھ تائالا بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويامسەن؟، «ئاللاھ تائالا خالىسا» دېگەن سۆزنى يالغۇز دېگىن، دېدى
ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىزگە بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئالايھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بىر ئىش بىلەن كەلدى ۋە: ئاللاھ تائالا ۋە سەن خالىساڭ، دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دېدى: ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى بىلەم مەخلۇقنىڭ خاھىشىنى«ۋاۋ» ئۇلۇغۇچى ھەرىپ بىلەن بىر يەردە كەلتۈرۈش شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولۇپ، ئۇنى مۇسۇلمان بىر كىشىنىڭ ئېغىزىغا ئېلىشى دۇرۇس ئەمەس دەپ، ئۇ كىشىگە ھەق سۆزنى قىلش، ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشىنى يالغۇز كەلتۈرۈش، ھېچبىر كىشىنىڭ خاھىشىنى باغلىغۇچى ھەرىپ بىلەن ئاللاھنىڭ خاھىشى بىلەن بىللە كەلتۈرمەسلىكتىن ئىبارەت توغرا يولغا يېتەكلىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ