عن بُرَيْدَة بن الحُصَيب الأَسْلَمِيّ رضي الله عنه قال: كان رسول الله صلى الله عليه وسلم إذا أمَّر أميرًا على جَيْش أو سَرِيَّة أَوْصَاه بتَقْوَى الله، ومَن معه مِن المسلمين خيرًا، فقال: "اغْزُوا بسم الله في سبيل الله، قاتِلُوا مَن كَفَر بالله، اغْزُوا ولا تَغُلُّوا ولا تَغْدِروا ولا تُـمَثِّلُوا ولا تَقْتُلُوا وَلِيدًا، وإذا لَقِيتَ عَدُوَّك مِن المشركين فادْعُهم إلى ثلاث خِصال -أو خِلال-، فأيَّتُهُنَّ ما أجابوك فاقْبَلْ منهم وكُفَّ عنهم، ثم ادْعُهم إلى الإسلام فإن أجابوك فاقْبَلْ منهم. ثم ادْعُهم إلى التَّحَوُّل مِن دارهم إلى دار المهاجرين، وأَخْبِرْهم أنهم إن فَعَلُوا ذلك فلهم ما للمهاجرين وعليهم ما على المهاجرين، فإن أَبَوْا أن يَتَحَوَّلُوا منها فأَخْبِرْهم أنهم يكونون كأَعْرَاب المسلمين يَجْرِي عليهم حُكْمُ الله تعالى، ولا يكون لهم في الغَنِيمَة والفَيْء شيءٌ إلا أن يُجَاهِدُوا مع المسلمين، فإن هم أَبَوْا فاسْأَلْهم الجِزْيَةَ، فإن هم أجابوك فاقْبَلْ منهم وكُفَّ عنهم، فإن هم أَبَوْا فاستَعِن بالله وقَاتِلْهم. وإذا حاصَرْتَ أَهْلَ حِصْنٍ فأرادُوك أن تَجْعَلَ لهم ذِمَّةَ الله وذِمَّةَ نَبِيِّه، فلا تَجْعَلْ لهم ذِمَّةَ الله وذِمَّةَ نَبِيِّه، ولكن اجْعَلْ لهم ذِمَّتَك وذِمَّةَ أصحابك؛ فإنكم أن تُخْفِرُوا ذِمَمَكم وذِمَّةَ أصحابكم أَهْوَنُ مِن أن تُخْفِرُوا ذِمَّةَ الله وذِمَّةَ نَبِيِّه، وإذا حاصَرْتَ أَهْلَ حِصْنٍ فأرادُوك أن تُنْزِلَهم على حُكْم الله فلا تُنْزِلْهم، ولكن أَنْزِلْهم على حُكْمِك، فإنك لا تَدْرِي أَتُصِيبُ فيهم حُكْمَ الله أم لا".
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

بۇرەيدە ئەلئەسلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر قوشۇنغا ياكى گۇرۇپقا ئەمىر تەيىنلىسە، ئۇنىڭ تەقۋادار بولۇشىنى، قوماندانلىقى ئاستىدىكى مۇسۇلمانلارغا ياخشى مۇئائىلە قىلىشىنى تەۋسىيە قىلاتتى. ئاندىن مۇنداق دەيتتى: «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن، ئاللاھ يولىدا غازاتقا يۈرۈڭلار. ئاللاھنى ئىنكار قىلغانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىڭلار، جەڭ قىلىڭلار. غەنىمەتلەرگە خىيانەت قىلماڭلار، دۈشمەن جەسەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنى كەسمەڭلار، كىچىك بالىلارنى ئۆلتۈرمەڭلار. مۇشرىكلاردىن ئىبارەت دۈشمىنىڭگە ئۇچراشساڭ، ئۇلارنى ئۈچ شەرتكە چاقىرغىن. ئۇلار بۇ ئۈچ شەرتنىڭ قايسىسىنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلار تاللىغان شەرتنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارغا چېقىلمىغىن، ئالدى بىلەن ئۇلارنى ئىسلامغا چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسلامىنى قوبۇل قىلغىن ۋە ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىدىن مۇھاجىرلارنىڭ يۇرتلىرىغا ھىجرەت قىلىشقا چاقىرغىن. ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئۇلار بۇنى ئورۇندىسا، مۇھاجىرلار بىلەن ھەق – ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتتە ئورتاق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرىدىن ھىجرەت قىلغىلى ئۇنىمىسا، ئۇلارغا ئېيتىپ قويغىنكى، ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەئرابىلىرىغا ئوخشاش بولىدۇ. ئاللاھنىڭ مۆمىنلەر ئۈستىگە يۈكلىگەن ھۆكمى ئۇلارنىڭمۇ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن بىرلىكتە جىھاد قىلمىغىچە، ئۇلارغا غەنىمەت ۋە ئولجىلاردىن ھېچ نەرسە بېرىلمەيدۇ. ناۋادا ئۇلار بىرىنچى شەرتنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇلارغا جىزىيە تۆلەش شەرتىنى قويغىن. ئەگەر ئۇلار جىزىيە تۆلەشنى قوبۇل قىلسا، سەنمۇ ئۇلاردىن جىزىيە ئالغىن، ئۇلارغا چېقىلمىغىن. ئەگەر جىزىيە تۆلەشنىمۇ رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ، ئۇلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغىن. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەستىن، ئۆزەڭنىڭ ۋە سەبداشلىرىڭنىڭ ئامانلىقىنى بەرگىن. چۈنكى «ئاراڭلاردىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا» ئۆزەڭلار بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇشۇڭلار ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلراق. بىرەر سېپىل ئىچىگە كىرىۋالغانلارنى قورشاۋغا ئالغان چېغىڭدا، ئەگەر ئۇلار ساڭا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن ھالدا بىتەرەپ قىلىشىڭنى شەرت قىلسا، سەن ئۇلارنىڭ بۇ شەرتىگە قوشۇلماي، ئۇلارنى ئۆزەڭنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلغىن. چۈنكى سەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلالىغان ياكى قىلالمىغانلىقىڭنى بىلمەيسەن «چۈنكى ساڭا ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمى بۇ دەپ ۋەھىي كەلمەيدۇ»
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق بايان قىلىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىش ئۈچۈن بىرەر قوشۇن ئەۋەتسە ئۇلارغا بىرىلىكىنى ساقلايدىغان ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان بىرسىنى باشلىق قىلاتتى، ئاندىن ئۇ كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى ۋە دۈشمەن بىلەن ئۈچراشقاندا نېمە قلىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇراتتى، غەنىمەتلەردىن ئوقۇرلىماسلىق، خىيانەت قىلماسلىق، قىساس ئالماسلىق ۋە ئۇرۇشقا قاتناشمىغان كىچىك، ئاجىز، ئايال، قېرىلارنى ئۆلتۈرمەسلىككە بۇيرۇيتتى. مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇيتتى، ئەگەر ئۇلار بۇ ھەقتە مۇسۇلمانلارغا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇشنى، ئىلگىركى مۇھاجىرلارغا قانداق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت بولسا بۇلارغىمۇ شۇنداق ھوقۇق بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى، دېدى. ئەگەر ئۇلار ھىجرەت قىلىشتىن باش تارىتسا، قىشلاقلاردىكى مۇسۇلمان ئەرەبلەرگە قىلىنىدىغان مۇئامىلىدە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەگەر ئۇلار ئىسلامنى قوبۇل قىلمىسا ئۇلاردىن جىزيە ئېلىشنى، ئەگەردە جىزيەنىمۇ بېرىشنى رەت قىلسا، ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىشقا بۇيرىدى. ئۇلار بىرەر قورغاننى مۇھاسىرىگە ئالغاندا مۇشرىكلارغا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئامانلىقىنى بەرمەسلىكنى، ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى بېرىشنى تەكىتلىدى، چۈنكى «ئارىدىن بىرەرسى بىلمەستىن بەرگەن ئامانلىقنى بۇزۇپ سالسا» ئۆزلىرى بەرگەن ئامانلىقنى بۇزسا، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ نامىدىن بېرىلگەن ئامانلىقنى بۇزۇشقا قارىغاندا يەڭگىلرەك. ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن بىتەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا، بۇ ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ ھۆكۈم قىلماسلىققا بۇيرىدى. چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى توغرا تاپالماسلىقى مۈمكىن، بەلكى ئۇلارنى ئۆزلىرى چىقارغان ھۆكمىگە ئۇيغۇن بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ