عن أبي الهيَّاج الأسدي قال:
قَالَ لِي ‌عَلِيُّ بْنُ أَبِي طَالِبٍ: أَلَا أَبْعَثُكَ عَلَى مَا بَعَثَنِي عَلَيْهِ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ؟ أَنْ لَا تَدَعَ تِمْثَالًا إِلَّا طَمَسْتَهُ، وَلَا قَبْرًا مُشْرِفًا إِلَّا سَوَّيْتَهُ.

[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئەبى ھەيياج ئەسەدىي مۇنداق دەيدۇ:
ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ ماڭا: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ھەر قانداق بۇت-ھەيكەل يەنى روھ مۇجەسسەملەشكەن بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن ھېچ بىرىنى قالدۇرماي يوق قىلىش ۋە ئىزىنى قويماسلىققا بۇيرۇپ باشقا جايلارغا ئەۋەتەتتى.
ئېگىز قاتۇرۇلغان قەبرىلەر بولسا ئۇنى تۈزلىۋېتىشكە، ئۈستىدە گۈمبەز بولسا ئۆرىۋېتىشكە زېمىندىن بىر غېرىچتىن ئارتۇق بولغاننى تۈزلىۋېتىشكە بۇيرىتتى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. روھ مۇجەسسەملەشكەن سۈرەتلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ شۇ دەۋرىدە شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋاستىلاردىن ئېدى.
  2. مۇنكەر ئىشنى ئۆزگەرتىشكە قۇدىرتى بولغان ۋە ھوقۇقى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتىشى يولغا قويۇلغان.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جاھىلىيەتنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۈرەت، ھەيكەل، قەبرىنىڭ ئۈستىگە قاتۇرۇلغان گۈمبەز قاتارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلغان ئىدى.
تېخىمۇ كۆپ