+ -

عن أبي سعيد الخدري رضي الله عنه أن رسول الله صلى الله عليه وسلم قال:
«لَا ضَرَرَ وَلَا ضِرَارَ، مَنْ ضَارَّ ضَرَّهُ اللَّهُ، وَمَنْ شَاقَّ شَقَّ اللَّهُ عَلَيْهِ».

[صحيح بشواهده] - [رواه الدارقطني]
المزيــد ...

ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ئۆزىگىمۇ ۋە ئۆزگىلەرگىمۇ زېيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ، كىمكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنساننىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا يېتىشى ئېنىق بولغان تۈرلۈك شەكىلدىكى زېيانلاردىن ساقلىنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچ قانداق بىر كىشىنىڭ ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا قانداق شەكىلدە بولسۇن زېيان يەتكۈزۈشى توغرا بولمايدۇ.
زىيانغا زىيان بىلەن تاقابىل تۇرغىلى بولمايدۇ، چۈنكى زىيان زىيان بىلەن يوق قىلىنمايدۇ، لېكىن قىساس ئالىدىغان ۋاقىتتا بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كەتمەي ئالسا بولىدۇ.
ئاندىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «باشقىلارغا زېيان سالغان كىشىنىڭ چوقۇم زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى، باشقىلارغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان كىشىنىڭ قىيىنچىلىقتا قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى سىنھالچە ھېندىچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە تېلوگوچە ساۋاھىلچە تامىلچە بېرماچە تايلاندچە گىرمانچە ياپونچە پوشتوچە ئاسامىي ئالبانچە السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية القيرقيزية النيبالية اليوروبا الليتوانية الدرية الصربية الصومالية الطاجيكية الكينياروندا
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. باشقىلارنىڭ قىلغان قىلمىشىدىن ئارتۇق جازالاشتىن ئاللاھ چەكلىگەن.
  2. ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر ئىشقا بۇيرىمىدى.
  3. بىر ئىشنى قىلىش ياكى قىلماسلىق بىلەن ۋە ئاغزاكى بولسىمۇ ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ھارام بولىدۇ.
  4. جازا-مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، كىمكى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، كىمكى كىشىلەرگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
  5. شەرىئەت قائىدىسىدىن: زىيان يوق قىلىنىدۇ، شەرىئەت زېياننى ئېتىراپ قىلمايدۇ، زىيان يەتكۈزۈشنى چەكلەيدۇ.