عن عائشة، أنها قالت: "كان فِيمَا أُنْزِلُ من القرآن: (عَشْرُ رَضَعَاتٍ مَعْلُومَاتٍ يُحَرِّمْنَ)، ثم نُسِخْنَ بِخَمْسٍ مَعْلُومَاتٍ، فَتُوُفِّيَ رَسُولُ الله صلى الله عليه وسلم ، وهُنَّ فِيمَا يُقْرَأُ من القرآن".
[صحيح] - [رواه مسلم]
المزيــد ...

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: نازىل بولۇپ تۇرىۋاتقان قۇرئان ئايەتلىرىدە: «ئايرىم-ئايرىم ئون قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلدەشلىككە سەۋەپ بولىدۇ» دېگەن ئىبارەت بار ئىدى، كېيىن بۇھۆكۈم:«ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا، بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتۇق
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

بۇ ھەدىستە چەكلەنگەن ئىمىلداشلىق ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئون قېتىم ئېمىش بولۇپ بۇ توغرىدا ئايەت نازىل بولغان، كېيىن بۇ ئايەتنىڭ تىكىستى ۋە ھۆكمى ئايرىم-ئايرىم بەش قېتىم ئېمىش ئۆيلىنىشنى ھارام قىلىدىغان ئېمىلداشلىق بولىدۇ»دېگەن ھۆكۈم بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندا بىز بۇ ئىبارىلەرنى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيتتۇق. بۇ ئايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئايەت بەك كېچىكىپ نازىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم بەزى كىشىلەرگە مەخپى بولۇپ قالغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئايەتنىمۇ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى قاتارىدا ئوقۇيدىغانلىقى بايان قىلىنغان

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ