عن عبد الله بن عمر رضي الله عنهما مرفوعاً: "من حلف بغير الله قد كفر أو أشرك"
[صحيح] - [رواه الترمذي وأبو داود وأحمد]
المزيــد ...
ئابدۇللاھ ئىبنى ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: كىمكى ئاللاھ تائالانىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ئاللاھقا كۇپرى قىلغان ياكى شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ
[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئەبۇ داۋۇد"سۈنەن ئەبۇ داۋۇد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە: كىمكى ئاللاھ تائالادىن باشقا بىرەر مەخلۇقلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلسا، ئاشۇ قەسەم قىلىنغۇچى نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلغان ۋە ئاللاھ تائالاغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر نەرسە بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇنى ئۇلۇغلاشنى تەقەززا قىلىدۇ. ھەقىقەتتە ئۇلۇغلۇق يەككە يىگانە ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئۇنداق بولغانىكەن، ئاللاھنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە ئالى سۈپەتلىرىدىن باشقا نەرسە بىلەن قەسەم قىلىنمايدۇ