عن أبي هريرة رضي الله عنه مرفوعاً: «خَلَقَ اللهُ الخلقَ، فلمَّا فرغَ منه، قامت الرَّحِمُ فأخذت بحَقْو الرَّحمن، فقال له: مَه، قالت: هذا مقامُ العائذِ بك من القَطِيعة، قال: ألَا تَرْضَيْنَ أنْ أصِلَ مَن وصلكِ، وأقطعُ مَن قطعكِ، قالت: بلى يا ربِّ، قال: فذاك». قال رسول الله صلى الله عليه وسلم : اقرءوا إن شئتم: {فهل عسيتُم إنْ تولَّيتُم أن تُفْسِدوا في الأرض وتُقَطِّعوا أرحامَكم}، وفي رواية للبخاري: فقال الله: (من وصلك وصلته ومن قطعك قطعته).
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ياراتتى. ئۇلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن، تۇققاندارچىلىق ئورنىدىن تۇرۇپ راھمان تائالانىڭ پىشىغا ئېسىلدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا: نىمە! دېدى. رەھىم: مەن سىلى بىلەن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشتىن پاناھ تىلىگۈچىمەن، دىدى، ئاللاھ: ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟ دېدى، تۇققانچىلىق: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، ئى پەرۋەردىگارىم! دېدى، ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا، بۇ ھەق ساڭا بېرىلدى، دېدى». پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئەگەر خالىساڭلار: «سىلەر ئىسلامدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە-رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟» دېگەن ئايەتنى ئوقۇڭلار، دېدى. بۇخارى رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئاللاھ: تۇققانچىلىق قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزۈپ تۇرىمەن، ئۇنى ئۈزگەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىمەن، دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

رەسۇلۇللاھنىڭ: «ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن» يەنى بارلىق مەخلۇقاتلارنى يارتىپ ئاياغلاشقاندا دېگەن سۆزى ئۇ ئىشنىڭ چەكلىك ۋاقىتتا يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى چەكسىز، بىر ئىش يەنە بىر ئىشتىن ئۇنى توسۇپ قالالمىسىمۇ، بىراق ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى زات بۇ ۋەقەلىك ئۈچۈن بىر ۋاقىت تاللىغان، دېگەن مەنىدە. بۇ ھەدىس ئاللاھ تائالانىڭ ئىش- ھەرىكەتلىرى ئۆز خاھىشىغا ئالاقىدار ئىكەنلىكىگە، قايسى ۋاقىتتا نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. «يارتىپ بولغاندىن كېيىن» دېگەن سۆزدىن ھەممە نەرسىنى يارتىپ بولدى، دېگەنلىك چىقمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقلىرى ئىزچىل بارلىققا كېلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىلمى، تەقدىر قىلىشى، لەۋھۇل مەھپۇزدا پۇتىشى ئىلگىرى ئۆتكەن. ئاندىن ئاللاھ تائالانىڭ خاھىشى ئاساسىدا ئۇ بارلىققا كەلگەن. ھەر قانداق نەرسە ئاللاھ تائالانىڭ ئىلمىدە بولىدۇ، ئاندىن تەقدىر قىلىنىدۇ ۋە لەۋھۇل مەھپۇزدا يېزىلىدۇ، ئاندىن خاھىشى بولغاندا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. «رەھىم راھمان تائالانىڭ پىشىغا ئېسىلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: نىمە! دېدى» تۇققانچىلىق گەرچە مەنىۋى نەرسى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا مەنسۇپ تۇرۇش، سۆزلەشلەر ھەقىقەت مەنىسىدە چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ئىنساننىڭ ئەقلى تەسەۋۋۇرى بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلغان ھەدىسلەرنىڭ مەنىسىنى تەپەككۈر قىلماي سۆز مەنىسىگە قاراپ چۈشۈنۈش كېرەك، مەنالىرىنى بۇرمىلاشنى ئالىملار رەت قىلغان. ئەمما بۇ ھەدىستىن ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلار كېيىدىغاندەك پاختا، تېرە ۋە باشقا نەرسىلەردىن تىكىلگەن كېيىمى بار، دېگەن مەنالار چىقمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «ھېچ شەيئى ئاللاھ تائالاغا ئوخشاش ئەمەستۇر». يەنە سىلە-رەھىم: «مەن سىلە-رەھىمنى ئۈزۈشتىن پاناھ تىلىگۈچىمەن، دېدى» بۇ ئەڭ ئۇلۇغ ئورۇندۇر، پاناھ تىلىگۈچى ئەڭ بۈيۈك ئورۇندا پاناھ تىلىگەن، يۇقارقى ئىبارىلەر سىلە-رەھىمىنى ئۇلاپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنى ئۈزۈپ قويۇشنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. سىلە-رەھىمىنى ئۈزۈپ قويۇش: قىلىۋاتقان ياخشىلىقلارنى ئۈزۈش دېگەن مەنىدە. سىلە-رەھىمىنى ئۇلاش: ئۇرۇق-تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىش، مىھرىبانلىق قىلىش، يېقىن تۇرۇش، قېيىنچىلىقلاردا ياردەم بېرىش، بېشىغا كەلگەن كۈلپەت ۋە ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۋېتىش، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق ئىشلاردا ئۇلارنى يېتەكلەشتەك ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ئاللاھ: ساڭا رىئايە قىلغان كىشىگە رەھمىتىمنى يەتكۈزسەم، سېنى ئۈزىۋەتكەن كىشىدىن رەھمىتىمنى ئۈزىۋەتسەم رازى بولمامسەن؟ دېگەندە، رەھىم: ئەلۋەتتە رازى بولىمەن، دەپ جاۋاب بەردى. ئاللاھ تائالا: ئۇنداق بولسا، بۇ ھەق ساڭا بېرىلدى، دېدى» كىمىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ياخشىلىق قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا رەھمىتىنى چۈشۈرگەن كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ، شەكسىزكى ئاخىرەتتە پىردەۋىس جەننىتىدىن پەرۋەردىگارىغا يېقىن بىر ئورۇندىن ئورۇن ئالىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە نائىل بولۇش ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ يۈزىگە قاراش بىلەن جەننەتتە ئاخىرلىشىدۇ. كىمىكى سىلە-رەھىمىنى ئۈزسە ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن رەھمىتىنى ئۈزىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن رەھمىتىنى ئۈزگەن كىشى بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولۇپ، قوغلاندى قىلىنغان شەيتان بىلەن بىللە بولىدۇ

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى سىنھالچە كۇردچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ