عن جابر بن عبد الله رضي الله عنهما قال: صلَّى بِنَا رسول الله صلى الله عليه وسلم في رمضان ثَمَان رَكَعَات والوِتر، فلمَّا كان من القَابِلَة اجْتَمَعْنَا في المسجد ورَجَونا أن يَخْرُجَ إِلَينَا، فلم نَزَلْ في المسجد حتى أصْبَحْنَا، فدَخَلْنَا على رسول الله صلى الله عليه وسلم ، فقلنا له: يا رسول الله، رَجَوْنَا أن تَخْرُجَ إِلَينَا فَتُصَلِّي بِنَا، فقال: «كَرِهت أن يُكْتَب عليكُم الوِتر».
[حسن] - [رواه ابن خزيمة]
المزيــد ...
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاندا بىزگە سەككىز رەكەت ۋە ۋىتىر ئوقۇپ بەردى، ئەتىسى شۇ پەيىتتە رەسۇلۇللاھنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىپ مەسجىتتە يىغىلىپ، تاڭ يۇرىغانغا قەدەر مەسچىتتە بولدۇق، بىز رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كىرىپ: ئى رەسۇلۇللاھ! چىقىپ بىزگە ناماز ئوقۇپ بىرىشلىرىنى كۈتكەن ئىدۇق،- دېگىنىمىزدە، رەسۇلۇللاھ: «سىلەرگە ۋىتىرنىڭ پەرز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم» دېدى
[ھەسەن(ھەدىسنى سەھىھ قىلىدىغان تۆت شەرتى تولۇق بولۇپ بەشىنچى شەرتىدە مەسىلە بولسا ھەسەن بولىدۇ)] - [ئىبنى خۇزەيمە"سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان]
ھەدىسنىڭ مەنىسى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزاندا بىزگە سەككىز رەكەت نەپلە ناماز ۋە ۋىتىر ئوقۇپ بەردى»، يەنى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا رامىزاندا مەسچىتتە سەككىز رەكەت ۋە ۋىتىر نامىزى ئوقۇپ بەردى. «ئەتىسى كىچىدە شۇ ۋاقىتتا مەسچىتتە جۇغلاشتۇق»، يەنى: ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆتكەن كېچىگە ئوخشاش چېقىپ ناماز ئوقۇپ بېرىدۇ،-دەپ ئويلاپ مەسچىتكە ھازىر بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چىقىپ بىزگە كېچە نامىزى ئوقۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلدۇق، دېگەن. «بىز تاڭ يورىغۇچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چىقامدىكىن دەپ مەسچىتتە تۇردۇق»، يەنى: ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەسچىتتە تاڭ يورۇغىچە كۈتۈشتى. «بىز رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىردۇق»، يەنى: ناماز ئوقۇپ بېرىشكە چىقمىغانلىقنىڭ سەۋەبىنى سوراش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا كىردۇق. «ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىنىڭ چىقىپ بىزگە ناماز ئوقۇپ بېرىشلىرىنى ئارزۇ قىلدۇق» دېدۇق، يەنى: ئۆتكەن كېچىدەك چىقىپ بىزگە ناماز ئوقۇپ بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلدۇق. رەسۇلۇللاھ: سىلەرگە ۋىتىرنىڭ پەرز بولۇپ قېلىشىدىن قورقتۇم،- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقماسلىقنى ۋىتىر پەرز بولۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەنلىكىنى بايان قىلدى، يەنە بىر رىۋايەتتە: «سىلەرگە ۋىتىرنىڭ پەرز بولۇپ قىلىشىدىن قورقتۇم» دېگەن، يەنە بىرىدە: «سىلەرگە كېچە نامىزىنىڭ پەرز بولۇپ قېلىشىدىن قورقتۇم» دەپ كەلگەن، مۇشۇ سەۋەپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارنىڭ قېشىغا چېقىشتىن چەكلەپ قويغان، بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە كۆيۈنگىنى ۋە رەھمەت قىلغىنى بولۇپ، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سۈپەتلەپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: «(ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى، سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ، ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر» تەۋبە سۈرىسى: 128-ئايەت، بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ: بىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتكە چىقىپ ناماز ئوقۇدى، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى، تاڭ يورىغاندا كىشىلەر بۇ ئەھۋالنى دېيىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر يىغىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ناماز ئۇقۇشتى، تاڭ ئاتقاندا كىشىلەر سۆزلىشىپ، ئۈچىنچى كېچە بولغاندا مەسچىتتە جامائەت كۆپ بولۇپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقتى، كىشىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىپ ناماز ئوقۇدى، تۆتىنچى كېچە بولغاندا مەسچىتكە جامائەت سىغمىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىغا چىقتى، نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەرگە يۈزلىنىپ، تەشەھھەد ئوقۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ مەسچىتكە جۇغلاشقىنىڭلارنى بىلىمەن، لېكىن مەن سىلەرگە بۇ نامازنىڭ پەرز بولۇپ قىلىپ، سىلەرنىڭ ئۇنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كېلىشىڭلاردىن ئەنسىرىدىم» دېدى