1. ئاساسى
  2. ئەسەرلەر
  3. پىقھى ۋە ئۇنىڭ ئۇسۇل قائىدىلىرى

ھەدىس ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كەسكىن پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتتۇر

عن علي رضي الله عنه قال: «الوِتر ليس بِحَتْمٍ كَهَيْئَةِ الصلاة المَكتوبة، ولكن سُنَّة سَنَّها رسول الله صلى الله عليه وسلم ».

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش كەسكىن پەرز قىلىنمىغان، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەتتۇر»

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) ئىبنى ماجە"سۈنەن ئىبنى ماجە"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - نىسائىي"سۇنەن نىسائىي"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان - ئىمام ئەھمەد"مۇسنەد"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ھەدىسنىڭ مەنىسى: ۋىتىر نامىزى بەش ۋاقىت نامازغا ئوخشاش پەرز ئەمەس، لېكىن ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويغان سۈننەت نامازلاردىندۇر. يەنى: ۋىتىر نامىزىنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يولغا قويدى، لېكىن ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى، بۇ نامازنىڭ ھەدىستىكى: "ئۇنىڭ ۋاجىبلىقىنى كىسىنلەشتۈرمىدى" دېگەن سۆزدىن ئىپادىلىنىدۇ. ۋىتىر نامىزى مۇستەھەب ياكى سۈننەت نامازلاردىن ھېسابلىنىدۇ

تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

13 تىل
EN English الإنجليزية
UR اردو الأوردية
ES Español الإسبانية
ID Indonesia الإندونيسية
BN বাংলা البنغالية
FR Français الفرنسية
TR Türkçe التركية
RU Русский الروسية
BS Bosanski البوسنية
HI हिन्दी الهندية
ZH 中文 الصينية
FA فارسی الفارسية
TL Tagalog تجالوج