عن عمرو بن شُعيب عن أبيه عن جدِّه قال: قال رسولُ الله صلى الله عليه وسلم:
«مُرُوا أولادكمِ بالصلاةِ وهم أبناءُ سبعِ سِنينَ، واضرِبوهم عليها وهم أبناءُ عَشرٍ، وفرِّقوا بينهم في المَضاجِعِ».

[حسن] - [رواه أبو داود]
المزيــد ...

ئەمىر بىن شۇئەيىپ ئاتىسىدىن ئاتىسى چوڭ ئاتىسىدىن ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئەۋلادلىرىڭلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنى نامازغا بۇيرۇڭلار، ئون ياشقا كىرگەندىمۇ نامازنى ئادا قىلغىلى ئۇنىمىسا ئۇنىڭغا ئاساسەن ئەدەپلەڭلار، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىۋېتىڭلار».

سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - تىرمىزىي"سۈنەن تىرمىزى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاتىلارغا قىز-ئوغۇل ئەۋلادلىرىنى يەتتە ياشقا كىرگەندە نامازغا بۇيرۇشنى ۋە نامازنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىلىشكە ئېھتىياجلىق بولغان بىلىملەرنى ئۈگۈتۈش كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇلار ئون ياشقا يەتكەندە بۇيرۇققا زىيادە قىلىندى، ئۇلارنىڭ ياتىدىغان ئورۇنلىرىنى ئايرىم قىلىش، نامازنى ئادا قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن ئەدەپلەش.

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى ۋېيتنامچە سىنھالچە كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى ماليامچە ساۋاھىلچە پوشتوچە ئاسامىي السويدية الأمهرية الهولندية الغوجاراتية الدرية
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. بالىلار بالاغەتكە يىتىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا دىنى بىلىملەرنى تەلىم بېرىش، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغىنى نامازدۇر.
  2. كېچىك بالىلارنى ئەدەپلەش دېگەن ئۇلارنى ئۇرۇپ ئازابلاش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى ئەھۋالىغا مۇناسىپ ھالەتتە ئەدەپلەش دېمەكتۇر.
  3. ئىسلام شەرىئىتى ئابرۇينى قوغداشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئۇنى بۇزۇشقا ئېلىپ بارىدىغان بارلىق يوللارنى توسىۋەتكەن.