عن بريدة بن الحصيب رضي الله عنه أنه قال:
بَكِّرُوا بِصَلَاةِ الْعَصْرِ، فَإِنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «مَنْ تَرَكَ صَلَاةَ الْعَصْرِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ».

[صحيح] - [رواه البخاري] - [صحيح البخاري: 553]
المزيــد ...

بۇرەيدە بىن ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى».

[سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ)] - [بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان] - [سەھى بۇخارى - 553]

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزىنى قەستەن ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھېچ قانداق ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

  1. ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە بۇنىڭغا ئالدىراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
  2. ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ جىنايىتى باشقا نامازلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن ئېغىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەسىر نامىزى بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەخسۇس بۇيرىغان ئوتتۇردىكى نامازدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿‏حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى﴾‏ تەرجىمىسى: «(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار).» [سۈرە بەقەرە 238-ئايەت].
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش
تىل: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تېخىمۇ كۆپ (62)