عن عبد الله بن زيد بن عَاصِم المازِنِي رضي الله عنه قال: «خرج النبي صلى الله عليه وسلم يَسْتَسْقِي، فتَوَجَّه إلى القبلة يدْعو، وحَوَّل رِدَاءه، ثم صلَّى ركعتين، جَهَرَ فيهما بالقِراءة». وفي لفظ «إلى الْمُصَلَّى».
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئىبنى ئاسىم مازىنى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت سىرتىغا چىقتى، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلدى، رىداسىنى تەتۈر ئۆرۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى، ئىككى رەكەتتە قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى. يەنە بىر ئىبارىدە «سەيناغا چىقتى» دېگەن
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنى ئۆزىگىلا ئىلتىجا قىلىش ۋە ئۇنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىناقلار بىلەن سىنايدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىدا قۇرغاقچىلىق يۈز بەردى، رەسۇلۇللاھ ساھابىلەرنى ھېيىت نامىزى ئوقۇيدىغان مەيدانغا ئېلىپ چىقىپ ئاللاھ تائالادىن يامغۇر تەلەپ قىلدى، ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىھتىياجنى ۋە يىلىنىشىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن، دۇئا ئىجابەت بولىدىغان تەرەپ قىبلىگە يۈزلىنىپ دۇئا قىلدى، ئاللاھ تائالادىن بۇ قۇرغاقچىلىقنى كۆتۈرۋىتىشنى ۋە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى، ئۆزگۈرۈشكە ئۈمىدۋار بولۇپ، بۇ قېيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كەڭچىلىككە ۋە مولچىلىققا ئۆزگەرتىپ بېرىشىگە ئۈمىدۋار بولۇپ رىداسىنى تەتۈر كەيدى، ئاندىن ئىككى رەكەت سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇدى. ئۇ جامائەت نامىزى بولغانلىقتىن قىرائەتنى ئاشكارا ئوقۇدى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى بىنگالچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى تاگالوگچە (پىلىپپىنچە )تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش