عن أنس بن مالك رضي الله عنه «أن رجلا دخل المسجد يوم الْجُمُعَةِ من باب كان نحو دار الْقَضَاءِ، ورسول الله صلى الله عليه وسلم قائم يَخْطُبُ، فَاسْتَقْبَلَ رسول الله صلى الله عليه وسلم قائمًا، ثم قال: يا رسول الله، هَلَكَتِ الأموال، وانْقَطَعَتِ السُّبُلُ فَادْعُ الله تعالى يُغِيثُنَا، قال: فرفع رسول الله صلى الله عليه وسلم يديه ثم قال: اللَّهُمَّ أَغِثْنَا ، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا ، اللَّهُمَّ أَغِثْنَا. قال أنس: فلا والله ما نرى في السماء من سحاب ولا قَزَعَةٍ ، وما بيننا وبين سَلْعٍ من بيت ولا دار. قال: فطلعت من ورائه سَحَابَةٌ مثل التُّرْسِ. فلما تَوَسَّطَتْ السماء انْتَشَرَتْ ثُمَّ أَمْطَرَتْ. قال: فلا والله ما رأينا الشمس سَبْتاً. قال: ثم دخل رجل من ذلك الباب في الْجُمُعَةِ الْمُقْبِلَةِ، ورسول الله صلى الله عليه وسلم قائم يَخْطُبُ الناس، فَاسْتَقْبَلَهُ قائمًا، فقال: يا رسول الله، هَلَكَتْ الأَمْوَالُ وَانْقَطَعَتْ السُّبُلُ، فادع الله أن يُمْسِكَهَا عنَّا، قال: فرفع رسول الله صلى الله عليه وسلم يديه ثم قال: اللَّهُمَّ حَوَالَيْنَا وَلا عَلَيْنَا، اللَّهُمَّ على الآكَامِ وَالظِّرَابِ وَبُطُونِ الأَوْدِيَةِ وَمَنَابِتِ الشَّجَر. قال: فَأَقْلَعَتْ، وخرجنا نمشي في الشمس». قال شريك: فسألت أنس بن مالك: أهو الرجل الأول قال: لا أدري.
[صحيح] - [متفق عليه]
المزيــد ...

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: بىر كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا قازىخانا تەرەپتىكى ئىشىكتىن مەسچىتكە كىرىپ، ئۆرە تۇرغان پېتى رەسۇلۇللاھقا قاراپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! چارۋىلار ئۆلۈپ كەتكىلى تۇردى، يوللار ئۈزۈلدى، دۇئا قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن بىزگە سۇ تەلەپ قىلسىلا] دېدى. رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، ئى ئاللاھ ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن!، دېدى. ئەنەس دەيدۇ: ئۇ چاغدا، ئاسماندا بۇلۇتنىڭ ئەسىرىمۇ يوق ئىدى. «سەلئى» تېغى بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا ئۆيمۇ يوق ئىدى، «سەلئى» تېغىنىڭ ئارقىسىدىن قالقانغا ئوخشاش بۇلۇت چىقىپ كەلدى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە ئەتراپقا تاراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، ئەنەس: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز تولۇق بىر ھەپتە كۈننى كۆرمىدۇق» دېدى. كىيىنكى جۈمە كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا: «ئى رەسۇلۇللاھ! چارۋىلار ئۆلۈپ كەتكىلى تۇردى، يوللار ئۈزۈلۈپ قالدى، ئاللاھقا دۇئا قىلغان بولساڭ، يامغۇرنى توختاتسا» دېدى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! يامغۇرنى بىزنىڭ ئەتراپىمىزغا ياغدۇرغىن، ئۈستىمىزگە ياغدۇرمىغىن، ئى ئاللاھ! تاغ-تۆپىلىكلەرگە، جىلغىلارغا ۋە ئورمانلارغا ياغدۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. ھاۋا ئېچىلىپ، بىز كۈن نۇرى ئاستىدا يۈردۇق. شۇرەيك: مەن ئەنەستىن: دەسلەپتە كىرگەن كىشى شۇمۇ؟ دېسەم، ئۇ: بىلمەيمەن، دېدى
سەھىھ(بەش شەرت تولۇق بولغادا ھەدىس سەھىھ بولىدۇ) - ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۈمە خۇتبىسى ئوقۇۋاتقاندا بىر كىشى مەسچىتكە كىردى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قاراپ، ئۇنى چاقىرىپ، يامغۇر ياغماي، زېمىن قۇرۇپ كەتكەنلىكنى، ئوت-چۆپلەرنىڭ يوقلۇقىدىن چارۋىلار ئۆلۈپ، يوللار ئۈزۈلۈپ، سەپەر قىلىدىغان، يۈك ئارتىدىغان تۆگىلەرنىڭ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ، رەسۇلۇللاھدىن بۇ قىيىنچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: ئى ئاللاھ! بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن! دەپ ئۈچ قېتىم تەكرار دېدى، ئادەتتە رەسۇلۇللاھ دۇئا قىلغاندا ۋە مۇھىم بىر ئىشنى تەكىتلىگەندە ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى. ئۇلار ئۇ چاغدا ئاسماندا بۇلۇتنىڭ ياكى چاڭ-تۇزاڭنىڭ ئەسىرىنىمۇ كۆرمىگەن ئىدى، بىراق رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىنىڭ تەسىرىدە سەلئى تېغىنىڭ ئارقىدىن كىچىك بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئېگىزگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئاسماننىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە كىڭىيىپ، ئەتراپقا تاراپ يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، يامغۇر يەتتە كۈن داۋاملاشتى. كىيىنكى جۈمە كۈنى بىر كىشى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا كىرىپ كەلدى ۋە يامغۇرنىڭ ئىزچىل يېغىشى بىلەن چارۋىلار يايلاققا چىقالمىغانلىقتىن ئاچ قالغانلىقىنى، كىشىلەرمۇ تىرىكچىلىك يولىدا سەپەر قىلالماي سولۇنۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يامغۇرنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا قېيىنچىلىق بولماسلىقى ئۈچۈن، چارۋىلار يايلاققا نۇرمال بېرىشى ئۈچۈن يامغۇرنى تاغ، تۆپىلىك، جىلغا، ئېكىنزارلىقلارغا ياغدۇرغىن! مەدىنىگە ئەمەس ئۇنىڭ ئەتراپىغا ياغدۇرغىن» دەپ دۇئا قىلدى. يامغۇر توختاپ، ئۇلار مەسچىتتىن چىققاندا يامغۇرسىز يۈردى

مەنالار تەرجىمىسى: ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى فىرانسۇزچە تەرجىمىسى ئىسپانچە تەرجىمىسى تۈركچە تەرجىمىسى ئوردۇچە تەرجىمىسى ھىندىنوزىيەچە تەرجىمىسى بوسناچە تەرجىمىسى روسچە تەرجىمىسى خەنزۇچە تەرجىمىسى پارىسچە تەرجىمىسى ھېندىچە تەرجىمىسى كۇردچە ھائۇساچە پورتۇگال تىلى
تەرجىمىلەرنى كۆرۈش